Chinese→Uyghur主要词典
希腊史
دۇنيا تارىخى
يۇنان تارىخى
ئەسەر نامى. ئىنگلىز تارىخشۇناسى گروتنىڭ ئەسىرى. ئاپتور بۇ ئەسەرنى كەڭ دائىرىلىك ماتېرىيال توپلاپ، 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت پىكىر قىلىش ئارقىلىق 1843 - يىلدىن باشلاپ يېزىشقا كىرىشكەن. 1846 - 1856 - يىللىرى ئارقا - ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ، جەمئىي 12 توم بولۇپ چىققان. بۇ ئەسەردە قەدىمكى يۇنان رىۋايەت دەۋرىدىن باشلاپ ماكىدونىيىلىك ئالېكساندر دەۋرىگىچە بولغان قەدىمكى يۇنان تارىخىنى ئەتراپلىق بايان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە پېرىكىل دەۋرىدىكى ئافىنا دېموكراتىك سىياسىي بايان قىلىنغان 46 بابى ئەڭ ئېسىل يېزىلغان. ئاپتورنىڭ ۋىگلار پارتىيىسىنىڭ نۇقتىئىنەزەرى بويىچە تارىخ يېزىپ، قەدىمكىنى بۈگۈنگىچە ئوخشىتىش بىلەن بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىشى ئەينى زاماندا ناھايىتى زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. ئاپتور ئالدىنقىلارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن خاتىرىلىرىگە تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتقان، ئەپسانە - رىۋايەت بىلەن ھەقىقىي تارىخنى پەرقلەندۈرگەن. بۇ ئەسەر موممىسېن يازغان <رىم تارىخى> بىلەن بىرگە كلاسسىك تارىخىي تەتقىقات ئەسەرلىرى ئىچىدىكى <قوش نامايەندە> دېيىلىدۇ. ماركس، ئېنگېلس ئۇنىڭدىكى ماتېرىياللارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، قەدىمكى يۇنان تارىخىنى يېڭىچە ئىزاھلاپ بەرگەنىدى.