Chinese→Uyghur主要词典
希尔曼
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
xī ěr màn
خىللمان
دۇنيا تارىخى
ھىلمان
(1887 - 1946). ئامېرىكا مىھنەتكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ يولباشچىسى. لىتۋالىق. 1907 - يىل ئامېرىكىغا بېرىپ تىككۈچى بولغان. 1910 - يىلدىن باشلاپ ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1914 - يىلى تىككۈچى ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نيۇ - يورك، فىلادېلفىيە قاتارلىق شەھەرلەردە تىككۈچى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىل قىلغان ھەمدە تۇرار - جاي ۋە بانكا ساھەسىدىكى ئىشچىلار ئىچىدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن. سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىچىلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. 1935 - يىلى مېھنەتكەشلەر بىرلەشمىسىدىن چېكىنىپ چىققان. 1936 - يىلى دۇبىنىسكىي (1892 - 1982) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئامېرىكا مېھنەتكەشلەر پارتىيىسى ۋە مېھنەتكەشلەر پارتىيىسىزلەر ئىتتىپاقىنى بەرپا قىلغان ھەمدە روزۋېلتنىڭ سايلام رىقابىتىنى قوللىغان. 1938 - يىلى سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، مۇئاۋىن رەئىس ۋە توقۇمىچى ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1940 - 1942 - يىللىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1944 - يىلى ترۇمىننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇق سايلام رىقابىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوللىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۇنيا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ئۇنىڭ: <ئامېرىكا مېھنەتكەشلەر سىياسىئونى> ناملىق ئەسىرى بار.