Chinese→Uyghur主要词典
邪马台国
دۇنيا تارىخى
ياماتو دۆلىتى
<ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىقى تەزكىرىسى. ياپونلار تەرجىمىھالى> دا ياپونىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت دەپ خاتىرىلەنگەن. ئايال پادىشاھى بولغان. تەخمىنەن 70 مىڭدىن ئارتۇق تۈتۈن بولغان. ياپونىيە تارىخ ساھەسىدىكىلەر خاتىرىلەنگەن ئارىلىق ۋە چوڭ قەبرىلەرگە ئاساسلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ھېسابلاپ چىققان. بۇنىڭدا، ئاساسەن، ياماتو (ھازىرقى نارا ناھىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى) ۋە كىيۇسىيۇ دېگۈچىلەر بولغان. ياماتو دېگۈچىلەر ياماتونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قەدىمكى قەبرىلەرگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ كىيۇسىيۇ دېگۈچىلەرمۇ كۇماموتو، كاگوسىما، ئوئىتا، ناگاساكى دېگۈچىلەرگە بۈلۈنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە مۇقىملاشمىغان. بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى شال، ئاق كەندىر تېرىغان، ئۈجمە ئۆستۈرۈپ پىلە قۇرتى باققان، شوينا ئەشكەن، سەرناخ، شايى توقۇغان، ھاراقنى ياخشى كۆرگەن، دېڭىزغا چىقىپ بېلىق - قۇلۇلىلەرنى تۇتۇشقا ئۇستا بولغان. پايتەخلىرىدە شەھەرلەر بارلىققا كېلىپ، بار - يوقىنى ئالماشتۇرغان. ئايال پادىشاھنىڭ قول ئاستىدا، ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولغان، كاتتىلار بىلەن تۆۋەن ئائىلىدىكىلەر دەپ ئايرىلغان، دېدەك ۋە ئەسىر قۇللار بولغان، ئۇرۇق - نەسەبلەر يۇقىرى - تۆۋەن دەپ دەرىجە ئېنىق ئايرىلغان. ئايال پادىشاھ ھىمىكو دەۋرىدە، ئىنىسى دۆلەتنى باشقۇرۇشقا ياردەم بەرگەن. ئولتۇراق جايىغا مۇھاپىزەتچىلەر قويۇلغان. ئىجارە ھەققى يىغقان. قانۇنغا يېنىك خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ خوتۇنى مۇسادىرە قىلىنغان، ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق - جەمەتى قۇرۇتۇۋېتىلگەن. ئەتراپىدىكى 20 نەچچە دۆلەت ئۇنىڭغا قارام بولۇپ، ئۇ دۆلەتلەردە ئورگان تەسىس قىلىپ نازارەت قىلغان. ئۆزىگە قارىمۇ - قارشى بولۇپ تۇرغان گۇنۇ دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. جۇڭگو بىلەن ئەلچى ئەەۋتىشىپ تۇرغان. ئايال پادىشاھ ھىمىكو ئۆلگەندىن كېيىن، پادىشاھلىق تەختكە ئۆز قوۋمىدىكى ئايال يىيۇ ۋارىسلىق قىلغان.
تارىخ
xié mǎ tái guó
يامۇتۇ دۆلىتى