Chinese→Uyghur主要词典
吸虫纲
بىئولوگىيە
شورىغۇچى قۇرتلار سىنىپى
ياپىلاق تەنلىك ھايۋانلار تېىپىدىكى بىر سىنىپ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ بەدىنى سىرتىدا ياكى ئىچىدە پارازىتلىنىدۇ. ھەر خىل شورىغۇچى قۇرتلارنىڭ چوڭلۇقى ئوخشاش بولمايدۇ. سىرتقى شەكلى ئادەتتە دۈمبە قورساقلىرى ياپىلاق بولغان تىلسىمان ياكى يوپۇرماقسىمان، بەدەن سىرتىدا كىرپىك تۈكلىرى بولمايدۇ. بىر قەۋەت سىلىق ياكى تىكەنلىك مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەتكە ئورىلىپ تۇرىدۇ، بۇ قەۋىتى قۇرت تەنىسىنىڭ پارازىت ئىگىسىنىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراشتىن ئاسرايدۇ. مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان شورىغۇچى تەخسىسى ياكى كىچىك ئىلمەكلىرى بولغان كەينى شوراش ئاپپاراتى بولىدۇ. ھەزىم قىلىش يولى ئاددىي، سەزگۈ ئاپپاراتلىرى ئادەتتە بىردەك رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن. كۆپىيىش بېزى تەرەققىي قىلغان، كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ. ئۇلار ئىككى چوڭ تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ؛ يەككە كۆپەيگۈچى شورىغۇچى قۇرتلار، ھەممىسى بەدەن سىرتىدىكى پارازىت قۇرتلار بولۇپ، ھايات تارىخى ئاددىي، بىۋاسىتە تەرەققىي قىلىدۇ ۋە پارازىت ئىگىسىنى يۆتكىمەيدۇ. ئۇلار ئاساسەن بېلىق، قوش ماكانلىقلار، ئۆمىلىگۈچىلەرنىڭ بەدەن سىرتىدا پارازىتلىنىدۇ، مەسىلەن، تاتلىق سۇ بېلىقلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئۈچ قاتلىق قۇرت (Gyrodactylus)، ئۈزۈكسىمان قۇرت (Dactylogyrus)؛ مۇرەككەپ كۆپەيگۈچى شورىغۇچى قۇرتلار بولسا، بەدەن ئىچىدە پارازىتلىنىدىغان قۇرتلار بولۇپ، ھايات تارىخى مۇرەككەپرەك. ئادەتتە تاتلىق سۇ قۇلۇلىرىنى (يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنى) ئارىلىق خوجايىن قىلىدۇ، بەزى شورىغۇچى قۇرتلار يەنە ئىككىنچى ئارىلىق خوجايىن (مەسىلەن، بېلىق، لاگۇ، لىتودېس، تاش قىسقۇچپاقىسى قاتارلىقلار) غا ئېھتىياجلىق، ياكى سۇ ئۆسۈملۈكلىرىگە (سۇ ياڭىقى، بىجىق قاتارلىقلار) غا چاپلىشىپ ياشاشقا ئېھتىياجلىق. مەسىلەن، يوپۇرماقسىمان جىگەر شورىغۇچى قۇرت (Fasciola hepatica)، بوسكى ياپىلاق شورىغۇچى قۇرت (Fasciolopsis buski) ھەم ياپون قان شورىغۇچى قۇرتى (Schistosoma japonicum) قاتارلىقلار.
تېببىي
xī chóng gāng
شورىغۇچ قۇرتلار سىنىپى