Chinese→Uyghur主要词典
希波战争
دۇنيا تارىخى
يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى
قەدىمكى گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ پېرسىيە تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، پېرسىيە ئىمپېرىيىسى شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن تارتىپ غەربتە كىچىك ئاسىيا قىرغاقلىرى (گرېتسىيىنىڭ بەزى شەھەر دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچگە ئالغان ھالدا) غىچە بولغان كەڭ رايوننى ئىگىلىگەن. مىلادىدىن 500 يىل ئىلگىرى كىچىك ئاسىيادىكى گرېتسىيە شەھىرى مىلېتوستا بولغان پېرسىيىگە قارشى قوزغىلاڭ ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پېرسىيە ئارمىيىسى ئۈچ قېتىم گرېتسىيىگە باستۇرۇپ كىرگەن: (1) مىلادىدىن 492 يىل ئىلگىرى، پېرسىيە پادىشاھى دارا Ⅰ (داۋۇش)، ماردونىيىنىڭ قوماندانلىقىدا قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ گرېتسىيىگە ھەربىي يۈرۈش قىلغان. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى سراكىيە چېگرىسى ئىچىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، دېڭىز ئارمىيىسى ئافون دېڭىز تۇمشۇقىدا بورانغا ئۇچراپ، زور تۈركۈم ئۇرۇش كېمىلىرى بىلەن ئەسكەرلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ، يۈرۈش ھېچبىر نەتىجىسىز ئاياغلاشقان. (2) مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى دارا يەنە بىر قېتىم داتىس قوماندانلىقىدا تەخمىنەن 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن، 600 ئۇرۇش كېمىسىنى ئەۋەتىپ، ئېگېي دېڭىزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن؛ ئۇلار ئاۋۋال ئىئوپىيە ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىرىتىرىيىنى ئىشغال قىلىپ، ئاندىن كېيىن ئافىنانىڭ شەرقىي - شىمالى قىسمىدىكى مارافون دېگەن جايدىن قۇرۇقلۇققا چىققان. ئافىنا پىيادە ئەسكەرلىرى بىلەن پلاتېنىڭ ياردەمگە ئەۋەتكەن 11 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسى، ئافىنا سەردارى مىلتىئادنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا پېرسىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قلغان، پېرسىيە چېكىنىپ چىقىشقا مەجبور بولغان. مارافون جېڭى يۇنانلىقلارنىڭ غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن گرېتسىيىدىكى 30 دىن كۆپرەك شەھەر دۆلەتلىرى كورنىتوس شەھىرىدە يىغىن چاقىرىپ، سپارتا باشچىلىقىدا پېرسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن. ئافىنالىقلارمۇ تېمېستوكلىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. (3) مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى دارانىڭ ۋارىسى كېركېس Ⅰ تەخمىنەن 500 مىڭ كىشىلىك قوشۇن، 1000 ئۇرۇش كېمىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئاساسەن بىرىنچى قېتىملىق ھەربىي يۈرۈش قىلىش يولىنى بويلاپ گرېتسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. قۇرۇقلۇقتا فىرموپىل ئۆتكىلىنى تارتىۋالغان، سپارتا پادىشاھى لېئونىد بىلەن 300 نەپەر ئەزىمەت شۇ يەردە قۇربان بولغان؛ پېرسىيە ئارمىيىسى ئوتتۇرا گرېتسىيىگە بېسىپ كىرىپ، ئافىنا شەھىرىنى (ئافىنالىقلار قېرى، ئاجىز، ئايال - بالىلارنى پېلوپوننېس ئارىلىغا كۆچۈرۈپ كەتكەن) بېسىۋېلىپ ئۇنى ۋەيران قىلغان. پېرسىيە فلوتى سۇنېي دېڭىز تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ سالامېن قولتۇقىغا كىرىپ، ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن تۇتۇشقان. ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشىپ، پېرسىيە ئارمىيىسى تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولغان. كېرېس Ⅰ قالدۇق دېڭىز ئارمىيىسىنى باشلاپ بەدەر قاچقان. ئىككىنچى يىلى پېرسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئوتتۇرا گرېتسىيىدىكى بلادىپوستا مەغلۇپ بولغان. پېرسىيە تاجاۋۇزچىلىرى گرېتسىيە يېرىم ئارىلىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، يۇنانمۇ مۇداپىئەلىنىشتىن ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتكەن. مىلادىدىن 478 يىل ئىلگىرى، ئافىنا دېڭىز ئىتتىپاقى (دېلوس ئىتتىپاقى) قۇرۇلۇپ، گرېتسىيە كۈنسېرى كۈچەيگەن، پېرسىيە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن مەھرۇم بولۇشقا قاراپ ماڭغان. مىلادىدىن 449 - يىل ئىلگىرى، يۇنانلىقلار سىپروس ئارىلىنىڭ سالامېن شەھىرى ئەتراپىدا پېرسىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇ يىلى ئىككى تەرەپ <كالىئاس سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالاپ پارسلار ئېگېي دېڭىزى ۋە ھېلىسپونتقا بولغان تىزگىنلەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش، كىچىك ئاسىيادىك گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشنى بەلگىلىگەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنى خېلىلا ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتقان. يۇنانلىقلار دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغداپ قالغان. گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.