Chinese→Uyghur主要词典
细胞介导兔疫
بىئولوگىيە
ھۈجەيرە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىممۇنىتېت
ياكى ھۈجەيرە ئىممۇنىتى دەپ ئاتىلىدۇ. لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ ئانتىگېنىنىڭ غىدىقلاش تەسىرىدە دىففېرېنسىيىلىنىپ، كۆپىيىپ ۋە سەزگۈرلەشكەن لىمفا ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىك ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. سەزگۈرلەشكەن لىمفا ھۈجەيرىسى ھاسىل بولغاندىن كېيىن، ھۈجەيرە ئىچىدە كۆپ خىل لىمفا فاكتورلىرى ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتېرفېرون ئۆزلۈكىدىن ھۈجەيرە سىرتىغا چىقىپ كەتكەندىن باشقا، قالغانلىرى ھۆجەيرە ئىچىدە ساقلىنىدۇ. سەزگۈرلەشكەن لىمفا ھۈجەيرىلىرى ئانتىگېن بىلەن قايتا ئۇچراشقاندا، ئۇ بىر تەرەپتىن نىشان قىلىنغان ھۈجەيرە (ئانتىگېنلىق ھۈجەيرە) نى بىۋاستە ئۆلتۈرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ھۈجەيرە ئىچىدىكى لىمفا فاكتورلىرىنى ئاستا - ئاستا قويۇپ بېرىدۇ. بۇ فاكتورلار زور يۇتقۇچى ھۈجەيرە، ئۆلتۈرگۈچى T ھۈجەيرە قاتارلىقلار بىلەن ماسلىشىپ، ئانتىگېنلىق ماددىلارنى بىرلىكتە چىقىرىپ تاشلاپ ئىممۇنىتېت ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرىدۇ.