Chinese→Uyghur主要词典
消化
بىئولوگىيە
ھەزىم قىلىش
ئادەم ۋا ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلۇقلارنى پارچىلاپ سۈمۈرۈش ۋە پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىرىنى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئايلاندۇرۇش جەريانى. ھايۋانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ ھەر خىل باسقۇچلىرىدىكى ھەزىم قىلىش جەريانى ئوخشاش بولمايدۇ، بىر ھۈجەيرىلىك پروتوزا (ئاددىي ھايۋان) لار ئەتراپتىكى مۇھىتتىن ئوزۇقلۇق دانىچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ھۈجەيرە ئىچىدە ئېنزىملارنىڭ رولى بىلەن پارچىلاپ ئاددىي بىرىكمىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇنداق ھەزىم قىلىش شەكلى ھۈجەيرە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىپ، <ھۈجەيرە ئىچىدە ھەزىم قىلىش> دېيىلىدۇ. كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلار ھەزىم قىلىش جەريانىدا تەدرىجىي ھالدا ھەزىم قىلىش يولىنى شەكىللەندۈرگەن، ئوزۇقلۇقنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ھەزىم قىلىش يولىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ <ھۈجەيرە سىرتىدا ھەزىم قىلىش> ھېسابلىنىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە مۇتلەق زور كۆپ ساندىكى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ ھەزىم قىلىشى ھۈجەيرە سىرتىدىكى ھەزىم قىلىشقا كىرىدۇ (لېكىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى بەزى ھۈجەيرىلەر يەنىلا ھۈجەيرە ئىچىدە ھەزىم قىلىش فۇنكسىيىسىنى ساقلاپ قالغان، مەسىلەن، ئاق ھۈجەيرىلەرنىڭ يۇتۇپ ھەزىم قىلىش رولى). ئۇلارنىڭ مۇھىتتىن قوبۇل قىلىۋالغان ئوزۇقلۇقى ئادەتتە ئاسان ئېرىمەيدىغان چوڭ ئوزۇقلۇقلار بولۇپ، مولېكۇلا تۈزۈلۈشى نىسبەتەن مۇرەككەپ، ئورگانىزم بىۋاسىتە پايدىلىنالمايدۇ. ھەزىم قىلىش يولىدا مېخانىك رول ۋە ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنىڭ خىمىيىلىك پىششىقلاش رولى ئارقىلىق ئاددىي، ئېرىشچان بىرىكمىلەرگە پارچىلانغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئورگانىزمغا سۈمۈرۈلۈپ توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەمىنلەيدۇ. سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان ئوزۇقلۇق قالدۇقلىرى ئانۇس ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ.
ئېلېكترون، ئۇچۇر
xiāo huà
پىشۇرۇش، يۇغۇرۇشDتەنتەربىيە
xiāo huà
ھەزىم قىلىش، سىڭدۈرۈش، سىڭىشDئۇنىۋېرسال
xiāo huà
ھەزىم قىلماق، سىڭدۈرمەك، ھەزىم بولماق، سىڭمەك
ئارىلاشتۇرماق
ئۆزلەشتۈرمەك، چۈشەنمەك
Dخىمىيە
消化 作用
xiāo huà
ھەزىم قىلىش (رولى)Dتېببىي
xiāo huà
ھەزىم قىلماق، سىڭدۈرمەك، سىڭمەك