Chinese→Uyghur主要词典
显性
تېببىي
xiǎn xìng
ئوچۇق، ئاشكارا، روشەنDئورمانچىلىق
xiǎn xìng
ئاشكارا
بىئولوگىيە
ئاشكارىلىق
بىر جۈپ نىسپىي ئالامەتكە ئىگە بولغان ئىككى ئەجداد چېتىشقاندا، ئارىلاش زىگوتىلىق بىرىنچى ئەۋلادىدا ماس ھالدىكى تەڭ ئورۇنلۇق گېننىڭ بىر دانىسى ئىپادىلىنىپ، يەنە بىر دانىسى ئىپادىلەنمەيدۇ، يەنى بىر ئەجدادنىڭ ئالامىتى ئىپادىلىنىپ، يەنە بىر ئەجدادنىڭ ئالامىتى ئىپادىلەنمەيدۇ، ئىپادىلەنگىنى ئاشكارىلىق بولىدۇ، مەسىلەن، ئېگىز غوللۇق باقىلە (كۆك پۇرچاق) ۋە پاكار غوللۇق باقىلىنى چېتىشتۇرغاندا، بىرىنچى ئەۋلادى پۈتۈنلەي ئېگىز غوللۇق بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئېگىز غوللۇق، پاكار غوللۇققا نىسبەتەن ئاشكارىلىق بولىدۇ، يەنى ئېگىز غوللۇقنىڭ گېنى پاكار غوللۇقىنىڭ گېنىغا نىسبەتەن ئاشكارىلىق بولىدۇ. ئەگەر بىر جۈپ نىسپىي ئالامەت ئوخشاش بىر ئارىلاش زىگوتىدا ئىپادىلەنسە، بۇر بىر جۈپ نىسپىي ئالامەت ياكى ماس ھالدىكى بىر جۈپ تەڭ ئورۇنلۇق گېننىڭ ئاشكارىلىنىش ئېففېكتى ئۆز ئارا تەڭ بولۇپ، تەڭ ئاشكارىلىق دەپ ئاتىلىدۇ. <تەڭ ئاشكارىلىق> قا قاراڭ.