Uyghur主要词典
خىيانەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر مەقسەتتە قانۇنسىز بەرگەن - ئالغان پۇل - مال.
«ئارىلىق» ، «رىشۋەت» ھازىر پاسسىپ سۆزلەر.
قازى يېسە گەر بەش تەرخەمەك پارا، يۈز دەررە ھۆكۈمىگە تاپىدۇ چارە. پارىغا ۋىجدانىڭنى بۇلغىما. ئارىلىق ئالغان ئارىدا تۇرالماس. رىشۋەت _ بۇزۇق ئەمەلدارنىڭ بەلگىسى. خىيانەت _ جىنايەت. خىيانەت ھەقىقەتنى بۇرمىلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھوقۇقى، ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز ھالدا تەشكىلنىڭ ئىقتىسادىغا، ئىقتىسادىي نەرسىلىرىگە ئىگە بولۇۋېلىش.
سۇلايماننىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كاسسىرلىقىنى قىلغان بەش يىل ئىچىدىكى خىيانىتى 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنىكەن.
ئىشەنچىنى، كۈتكەن ئارزۇسىنى يەردە قويۇش؛ ئەھدىنى بۇزۇش، ئاينىش.
-توۋا، چەرچىن، سېنىڭ بۇ ئىشىڭ سۇپتاي ئۈچۈن خىيانەت ئەمەسمۇ؟ - دېدى ئۇ.
خائىنلىق، ۋاپاسىزلىق، يۈز ئۆرۈش.
قىز بىرلا سىلكىپ ئۇنىڭ قولىدىن چىقىپتۇ - دە بىر قەدەم نېرى قېچىپ، خەلپىنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ: - ھەي، قايسى يۈزۈڭ بىلەن ماڭا خىيانەت قىلىۋاتىسەن، قېرى دەللە! - دەپ ۋارقىراپتۇ.