Uyghur←Chinese主要词典
خىيالىي سوتسىيالىزم
ئۇنىۋېرسال
空想社会主义
kōng xiǎng shè huì zhǔ yì
دۇنيا تارىخى
空想社会主义
kōng xiǎng shè huì zhǔ yì
<ئوتۇپىيە سوتسىيالىزمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىلمىي سوتسىيالىزم بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن غايىۋى جەمئىيەتكە تەلپۈنۈپ خىيالىي خاراكتېرىنى ئالغان بىر خىل سوتسىيالىزم تەلىماتى. ئەڭ دەسلەپ ⅩⅥ ئەسىردە ئۆتكەن ئەنگلىيىلىك توماس مور يازغان <ئەڭ مۇكەممەل دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئوتۇپىيە يېڭى ئارىلىنىڭ ھەم پەيدىلىقلىقى، ھەم قىزىقارلىقى توغرىسىدىكى قامۇس> ناملىق كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. ئاساسلىقى ⅩⅪ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى كەڭ تارقالغان بولۇپ، فرانسىيىلىك سىن سىمون، فۇرېيې ۋە ئەنگلىيىلىك ئوۋىن قاتارلىقلارنى ئاساسلىق ۋەكىل قىلغان. ئۇلار كاپىتالىزم تۈزۈمىنىڭ جىنايەتلىرىنى كەسكىن تەنقىت قىلىپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى زىددىيەت ۋە سىنىپىي قارىمۇ قارشىلىقلارنى ئېچىپ تاشلىغان ھەمدە كوممۇنىزم جەمئىيىتىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، كەلگۈسى جەمئىيەت توغرىسدا بەزى ئىجابىي تەشەببۇسلارنى ۋە تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن، ياللانما ئەمگگكنى يوقىتىش، شەھەرلەرب ىلەن يېىزلارنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنى، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەكنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنى يوقىتىش، پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يولغاق قويۇش، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ يوقىلىشى، ئاياللارنىڭ ئازادلىقى ۋە باشقىلار. بۇ كۆز قاراشلار ماركسىزمنىڭ ئۈچ مەنبەسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. لېكىن ئۇلار ئىدېئالىزملىق تارىخىي قاراشنى ئاساس قىلىپ سوتسىيالىزمنىڭ كاپىتالىزمنىڭ ئورنىنى باسىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى بىلمەي، پرولېتارىياتنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي رولىنى كۆرمەي، سىياسىي كۈرەش ۋە زوراۋانلىق ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇپ، تەشۋىقات ئارقىلىق بۇرژۇئازىينى تەسىرلەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ھەمدە ئۈلگىلىك تەجرىبە ئارقىلىق كوممۇنىزمنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايەندە قىلىپ، تىنچ يول بىلەن غايىۋى جەمئىيەتكە ئۆتۈشنى خام خىيال قىلغان. بۇنداق <پىشىپ يېتىلمىگەن نەزەرىيە پىشىپ يېتىلمىگەن كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا، پىشىپ يېتىلمىگەن سىنىپىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن كېلەتتى>(<ماركس، ئېنگېلس، لېنىن، ستالىن، ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما>، <ئىلمىي سوتسىيالىزم قىسمى> 154-بەت). سىنىپىي كۈرەش ۋە ماركىزمنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خىيالىي سوتسىيالىزمنىڭ ئىلغار ئەھمىيىتىمۇ يوقالدى.