Uyghur主要词典
خىيال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈلگە كەچكەن تەسەۋۋۇر، پىكىر.
بويۇڭ بىلەن ماختانما، ئويۇڭ بىلەن ماختان. بۆرىنى ھەر قانچە باقساڭمۇ، ئوي - خىيالى جاڭگالدا. كۆڭۈل ئويغا تويمايدۇ، بۆرە قويغا. خىيال كېچىدە ئېچىلىدۇ، گۈل شەھەردە. ئوغرى مال كويىدا، قۇشناچ گال كويىدا.
پسىخولوگىيە
بۇ ئادەم مېڭىسىنىڭ خاتىرە تەسەۋۋۇرىنى ئۆزگەرتىش ئاساسىدا يېڭى ئوبراز يارىتىشتىكى پسىخىك جەرياندۇر. خىيالمۇ تەپەككۇرغا ئوخشاش ئادەمنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىلىش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. خىيالىي يارىتىلغان يېڭى ئوبراز «خىيالىي تەسەۋۋۇر» دەپ ئاتىلىدۇ.
خىيالىي تەسەۋۋۇر كىشى ئۆزى ئىلگىرى ئىدراك قىلمىغان شەيئىنىڭ ئوبرازى. ھەر قانداق خىيالىي تەسەۋۋۇر ھەر قانچە يېڭى ياكى ھەر قانچە ئاجايىپ - غارايىپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى خاتىرە تەسەۋۋۇرنىڭ كىشى مېڭىسىدە پىششىقلاپ ئىشلىنىپ ئۆزگەرتىلىشىدىن شەكىللەنگەن. خىيالدىكى خاتىرە تەسەۋۋۇرىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەش ئۇسۇلى مۇنداق تۆت خىل بولىدۇ: (1) قۇراش (جانلاندۇرۇش)، (2) مۇبالىغە قىلىش، (3) تەكىتلەش، (4) تىپىكلەشتۈرۈش.
پاۋلوۋ تەلىماتىغا ئاساسلانغاندا، خىيال ئىلگىرىكى ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشنىڭ قايتىدىن قۇراشتۇرۇلۇشىدۇر. يەنى ئىلگىرى شەكىللەنگەن ھەر خىل ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشلىرىنىڭ يېڭى سىستېما، يېڭى تەرتىپ ئاساسىدا تەشكىللەنگەن بىر خىل يېڭى باغلىنشتۇر. ئىنسانلارنىڭ خىيالى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت جەريانىدا، ئالدى بىلەن ئەمگەك جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان، خىيال ئادەتتە ئىجادىي خىيال، تەسەۋۋۇر خىيال ۋە ئارزۇدىن ئىبارەت ئۈچكە بۆلۈنىدۇ. بۇلار كىشىنىڭ تۈرلۈك ئىجادىي پائالىيەتلىرىدىن، ئەدەبىي - سەنئەتتىن لەززەتلىنىش، بىلىم ئېلىشلاردا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئويلاش، پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانى؛ پىكىر، ئوي.
نازىرئاخوننىڭ كۆڭلىدە مىرزىمەتكە نىسبەتەن يەنە باشقىچە خىيالمۇ بولغاچ، ئۇنى بالىچىلاپ بېقىۋالدى.
بىرەر نەرسىنى ئەسكە چۈشۈرۈش، ئېسىدە، خاتىرىسىدە ساقلاش قابىلىيىتى؛ ئەس، كۆڭۈل.
تۇيۇقسىز ئۇنىڭ خىيالىغا نېمىدۇر كەلدى.
كىشى ياكى نەرسە ھەققىدىكى چۈشەنچە، تەسەۋۋۇر؛ نەزەر.
راھىلە ئۇنىڭ خىيالىدا، بۇ يۇرتتىكى قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلىمىش.
بىرەر ئىش ياكى ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدىكى ئوي، نىيەت؛ ئىستەك.
ئالماس شۇ خىيال بىلەن سۇپىدىن چۈشۈپ، ئاستا قەدەم بېسىپ، باغ تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن بولغان، رېئال بولمىغان ئارزۇ، ئىستەك؛ فاتنازىيە.
بۇ خىيال ئەمەس، ھەقىقەت.
دىققەت، نەزەر.
كەنت يولىدا ئاستا كېتىۋاتقان كەنت باشلىقىنىڭ خىيالى ھامان ھاشىم بوۋايدا ئىدى.