Uyghur主要词典
خەزان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كۈز پەسلىدە تۆكۈلگەن، سارغايغان ياپراق:
كۈز، پەسلى: خەزان ئەتمەك - سارغايتماق:
يانجىلغان، ئازابلانغان؛ دەردلىك:
1. رەۋابى ھۇسن ئۈچۈن چېھرەمنى گاھى ئەيلەمىش ئەز بەس،
بولۇر گۇل ھۇنى زاھىر بولسەگەر رەڭگى خەزان پەيدا.
ئەرشى.
2. خەزان بەرگىدەك سارغايىپ چېھىرەسى،
تولا خەۋف ئىلە قالمادى زەھرىسى.
ئا. نىزارى.
ئەلا ئەي لالە يەڭلىغ گۇلئۇزارىم،
خەزان ئەتتىڭ مېنى ئەي نەۋ بەھارىم.
موللا پازىل.
3. بۇ گۇلشەن ئىچرە ھەريان جىلۋەگەر بەرگى شەجەر ئېرمەس،
ۋەرەقلەردۇر يازىلغان خەتلىرى يەكسەر خەزان مەزمۇن.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۈز، كۈز پەسلى، كۈز كۈنىدە ياپراقلارنىڭ تۆكۈلۈشى: بادى خەزان - كۈز شامىلى؛ خەزان ئايەمى - كۈز كۈنلىرى؛ خەزان - ئاسىبى - كۈز ئاپىتى.