Uyghur主要词典
خەۋپسىز
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خەۋپ - خەتىرى يوق، خەۋپ - خەتەر يۈز بەرمەيدىغان.
خەتەرلىك، خەۋپلىك
قورقۇنچ، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغان.
مەكتەپلىرىمىزدە خەتەرلىك سىنىپلار كۆپ. دەردنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى دۆتلۈك. خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلگىرىلىگەن - باتۇر. خەتەرسىز جاي يوق. بىخەتەرلىك بىرىنچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھەممىدىن مۇھىم. خەۋپسىز ياشاش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ. ئۆز ئارزۇسىنىڭ قۇلى بولۇش خەتەرلىك. قورقۇنچاققا ھەممە يەر خەتەرلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
خەۋپى يوق، خەۋپ - خەتەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولمىغان، خەتەرسىز، تىنچ.
خەۋپسىز يەر.
گەر خەتەر بولسا ئۆيۈم يۆتكەپ كېتەي، بىر خەۋپسىز جايغا مەن دەرھال يېتەي.
بۇ يەردە مەن قانداق خەۋپسىز تۇرسام، تاغلاردىمۇ شۇنداق تۇرىمەن.