Uyghur←Chinese主要词典
خەتەرلىك بۇيۇملارنى تاشلاش جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازا投放危险物质罪
tóu fàng wēi xiǎn wù zhì zuì
بۇ - قەستەنلىك بىلەن زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى (خاسلىققا ئىگە بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىم، ساغلاملىقى ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى قاتارلىق مال - مۈلۈكنىڭ بىخەتەرلىكى) بولىدۇ.
2.ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى خەتەرلىك بۇيۇملارنى سېلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ (14 ياشقا توشقان).
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
114 - ماددا ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
115 - ماددا 1 - تارماق ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياك باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。