Uyghur主要词典
خەتچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشلەرگە خەت _ چەك، ئەرز _ داد يېزىپ بېرىدىغان كىشى.
خەتچىگە سالام خەت يازدۇردۇم. پوچتىخانا ئالدىدا خەتكەش بار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كاتىپ، بۇرۇن مەھكىمىلەردە، دىۋاندا خەت - ئالاقە ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
مىرزىنى <مىرزا> دېسەڭ كۈلۈپ كېتەر، مالاينى <مالاي> دېسەڭ ئۆلۈپ كېتەر. ئىت يېتىش، مىرزا قوپۇش. 40 كۈن مۇنشى بولغىنىڭدىن بىر كۈن ئەمگەك قىلغىنىڭ ياخشى. خەتچى دىۋاننىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قولدا تۇتقان كىشى. پۈتۈكچى تارىخىي ۋەقەلەرنى پۈتۈن باراتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بۇرۇنقى زامانلاردا خان، بەگ ۋە دورغىلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خەت - چەكلىرىنى يېزىپ بېرىدىغان ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان پۈتۈكچى خادىم؛ كاتىپ.
خەت تۇشۇغۇچى؛ پوچتىكەش.
پوچتىخانىدا باشقىلارغا خەت يېزىپ بېرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئادەم.