Uyghur主要词典
خەستە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كېسەل، كېسەلمەن:
قىينالغان، ئازابلانغان؛ دەردمەن:
ئاجىز، كۈچسىز، زەئىپ:
1. يۈزۈڭنى كۆزۈم ئاقىبەتۇلئەمر كۆرسىتەر،
ھەمراھ مەنى خەستەغە چۇن نۇرى يەقىندرۇ.
ھاپىز خارەزمى.
2. بىۋەفا ئەيلەمەگەي ئول نازەنىن،
رەھىم قىلسە خەستە ئاشىقلارىنە.
ھاپىز خارەزمى.
3. ھەمىشە خەستەدۇر دەردى بىلەن جان،
بولا بىلمەدى بۇ بىمار ياخشى.
ھاپىز خارەزمى.
4. يېتەرمۇ بى ركەمىنە خەستەگە بۇيى ۋىسالىڭدىن،
دېگەچ شامۇ سەھەرلەر ئەشكى خۇندىن جۇبىيار ئەيلەر.
شەۋقى.
بىچارە، مىسكىن:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاغرىق، ئاغرىق كىشى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەن ساقلىقىدىن ئايرىلغان.
ساق ، ساغلام، سالامەت، ساق - سالامەت، تازا
ئاغرىق - سىلاق، كېسەلدىن خالىي.
ساق يېرىمنىڭ ھالى يوق، ئاغرىق يېرىمنىڭ تايىنى يوق. تېنى ساققا تەمسىز تاماق يوق. ساغلام تەندە ئۈمىد بار، ئۈمىد بولسا ھەممە بار. سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل. ئىككى كېسەل بىللە كەتتى، ساق بېرىپ، سالامەت قايتسۇن. كىيىشىم ماتا، تېنىم تازا. ئاغرىق بىلەن تازىلىق ئاراز. ھەر كىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆزلەيدۇ. كېسىلىگە قاراپ دورا بەر. خەستە كىشىگە يول خەت كېسىلمەيدۇ. بىتاپ بولساڭ ئاپتاپقا چىق. بىمارغا بال ئاچچىق. بىر يېرىم كەم تۇرىدۇ، - دېدى ئاتام. مىجەزى يوقنىڭ ھالى يوق. ساقسىزنى قويۇپ ساقنى يۆلەپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي ۋە ياكى روھىي جەھەتتىن غەيرىي نورماللىق ھالىتى.
«بولماق»،«قىلماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
بۇنداق ھالەتنىڭ ئېتىغا پەقەت «كېسەل» قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
كېسىلىگە قاراپ دورىسى. ئاغرىقىنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا. «ئاغرىقمەن» دەيدۇ، ھەممىنى يەيدۇ. خەستەكىشىگە خەت كېسىلمەيدۇ. دەرد باشقا، ئەجەل باشقا. دەرد كەلسە، دەرماق كېتەر. بىتاپ بولساڭ، ئاپتاپقا چىق. بىمار بولغانغا ھەسەلمۇ ئاچچىق. ئۇ كەم بولۇپ قاپتۇ، ئىشقا چىقالمايدىكەن، - دېدى. ئۇنىڭ بۈگۈن تاۋى يوق، مەجلىسكە بارالمايدۇ. مىجازم يوق، ئاغرىقچان بولۇپ قالدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
يېزت بىرەر كېسەللىككە يولۇققان، سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس؛ كېسەل، كېسەلمەن.
نىگارىم خەستە جارىغا ۋىسالىڭدىن داۋا ئەيلە، تېنىمدە قالمىدى دەرمان، پىراقىڭدا بىمار بولدۇم.
كۆچمە. دەرد تارتقان، ئەلەم چەككەن، ئازابلانغان، قىينالغان، دەردلىك، قايغۇلۇق، غەمكىن.
سايرىغايمۇ زوق بىلەن بۇلبۇلغان گۈلزار بولمىسا، يايرىغايمۇ خەستە دىل ئاشىققا دىلدار بولمىسا.