Uyghur主要词典
خەراج
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سېلىق، باج، پاراق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سېلىق، تارتۇق، باج، پاراق (ئىسلام دۆلىتىنىڭ كاپىرلاردىن ئالىدىغان نوپۇس بېجى)
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <يەر بېجى> دېگەنلىك بولىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى خەلىپە دۆلەتلىرىدە غەيرىي مۇسۇلمانلاردىن ئېلىنىدىغان يەر بېجىنى كۆرسىتىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە خەراج بىلەن جىزيە ئارىلاش ئىشلىتىلىپ، ھەر ئىككىلىسىدە غەيرىي مۇسۇلمانلار تۆلەيدىغان يەر بېجى كۆزدە تۇتۇلغانىدى. سىرتنى بويسۇندۇرغاندا، يەر مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەت مۈلكى قىلىنىپ، يەرنى بۇرۇنقى ئىگىسى تېرىپ، باجنى شۇ ئادەم تاپشۇردى. مۇسۇلمانلار ئىگىلىگەن يېرىگە ئۆشرە بەردى. كېيىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار كۆپىيىپ باج ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇمەييە ھاكىمىيىتى دىنغا يېڭىدىن كىرگەنلەرنى بۇرۇنقى يېرىنى تېرىپ، داۋاملىق ئۆشرە تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. ئۆمەر Ⅱ (717 - يىلىدىن 720 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) ئەرەپ تەۋەلىكىدە بولمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلاردىن خەراج ئالماي، ئۆشرە ئېلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى. لېكىن 719 - يىلىدىن كېيىن، مۇسۇلمانلارغا ئۆتكەن <خەراج يېرى> بۇ قاتارغا كىرگۈزۈلمىدى. مۇسۇلمانلار ئىجارىگە ئېلىپ تېرىغان يېرىگە خەراج تاپشۇردى. ھىشام (724 - يىلىدىن 743 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) خەراج يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىدىن ئەمەس، يەردىن ئېلىنىدىغانلىقىنى، <خەراج> يېرىنى تېرىغۇچىنىڭ دىنغا كىرگەن - كىرمىگەنىكىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى يەر بېجخ تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى، <ئۆشرە يېرى> نى شۇنىڭدىن كېيىن كۆپەيتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىدى. ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە غەيرىي مۇسۇلمانلار تاپشۇرغان جىزيە (جان بېجى) <فاي> (غەنىمەت)
دەپ ئاتىلىپ خەزىنىگە كىرىم قىلىندى. كېيىن شەرىئەتتە مۇسۇلمانلار جامائىتىگە تەۋە يەرلەرنى تېرىغۇچىنىڭ مۇسۇلمان بولۇش - بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، خەراج تاپشۇرۇش كېرەكلىكى، خەراج سانى تۇپراقنىڭ ياخشى - ناچارلىقىغا، سۇغۇرۇش شارائىتىغا، ھوسۇلنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا قاراپ بېكىتىلىدىغانلىقى، ئادەتتە ماددىي نەرسە ئاساس قىلىنىدىغانلىقى، مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇشقا بولىدىغانلىقى، ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن ئىككىدىن بىر قىسمىغىچە مىقدارىنى ئىگىلەيدىغانلىقى بەلگىلەندى.