Uyghur主要词典
خەق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باشقا بىرىنى كۆرسىتىدۇ. « خەق » بەزىدە باشقىلارغا نىسبەتەن ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.
خەقنىڭ ئاغزىغا قارىغان ئاچ قالار. كىشىنىڭ تەرىتىدە ناماز ئوقۇپتۇ. مەكتىپىمىزدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى شىفۇندىن كۆڭلەك كىيىپتۇ. خەقنىڭ يوق ( مېنىڭ يوق ).
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆزدىن بۆلەك، ئۆز ھېسابلانمايدىغان.
ئۆز
ئۆزى، ئۆزىگە ياتىدىغان.
ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلگەن يېڭىلمەيدۇ. ئۆگەي ئانىنىڭ قۇشلىغىنىدىن ئۆز ئانىنىڭ مۇشتلىغىنى ياخشى. ئاناڭ ئۆگەي بولسا، ئاتاڭ ئۆزۈڭنىڭ ئەمەس. ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي، كۆتۈڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ. پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا ئۆزگىگە (سال). ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. يات يېگۈچە، ئۆز ئۆلگۈچە. ئالدىدىكى ئۆزنى كۆرمەي، يىراقتىكى ياتنى كۆرۈپتۇ. يامۇلنىڭ ئىشىكى يوچۇن، كىرەلمەيسەن پۇلۇڭ يوق ئۈچۈن. باشقىنى خورلىغىنىڭ - ئۆزۈڭنى ئويلىمىغىنىڭ. كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەپتۇ. خەقنىڭ ئىشى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. بىراۋنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئورنىغا قوي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
جان ت خەلق، ئامما، كىشلەر.
- ئورۇسمۇ، ياپۇنمۇ ئوخشاشلا يات خەق، - دېدى ھاجى پايان ئۇنىڭغا.
ئادەملەر؛ باشقىلار، يات كىشىلەر.
قۇربان ئاقساقال: -خەق سېنى چاكار دېسە، ساڭا ھاقارەت، ماڭا ئۇۋال قىلغانلىق بولىدۇ، سەن ئوبدان ئويلا، - دېدى.
ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان جىنسىي ھەم كەسپىي ئوقۇمنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ كەينىدە كېلىپ، <كىشى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
خوتۇن خەق. ئەر خەق.
- بىز بولساق يېزىدىكى دېھقان خەق، - دېدى ئۇ.