Uyghur主要词典
خەندە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۈلكە، تەبەسسۇم:
ئېرۇر ئول خۇجەمەن بىچارە بەندە،
خوشى بار شاد ئەيلەر خاھ خەندە.
موللا فازىل.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۈلۈش، كۈلكە: شەكەر خەندە - شىرىن ۋە يېقىملىق كۈلمەك، كۈلۈمسىرەش؛ گۈلى خەيدە - گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شادلىق مىمىكىسى، خۇشاللىق ئاۋازى.
«تەبەسسۇم» ئۈن چىقارماي، مىيىقىدا كۆرۈلىدۇ.
كۈلكە ئەقىل خۇشلۇقى، تەبەسسۇم يۈرەك خۇشلۇقى. كۈلكىنىڭ ئاخىرى يىغا. ئورۇنسىز كۈلكە ئۇرۇش تۇغدۇرار. تەپەسسۇم - روھىي ساغلاملىقنىڭ بەلگىسى. كۈلكە ۋە تەبەسسۇم بىزنى پۈتكۈل ئىنسانىي ئالىيجانابلىققا ئېلىپ كىرىدىغان ئىشىكتۈر.