Uyghur←Chinese主要词典
خەلق ۋە دۆلەتنى قوغداش پەرمانى
领域: دۇنيا تارىخى保卫人民和国
bǎo wèi rén mín hé guó
فاشىست گىرمانىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنقىلابىي كۈچلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن چىقارغان جددىي ئامانلىق ساقلاش پەرمانى. رېخستاگقا ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى 1933-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى زۇڭتۇڭ ھېدىبۇرگ تەرىپىدىن ئىمزا قويۇلۇپ تارقىتىلغان. پەرماندا"ۋېمارئاساسىي قانۇنى"دىكى جىسمانىي ئەركىنلىك، يىغىن ئۆتكۈزۈش،جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى،سۆز ۋە خەت ئالاقە ئەركىنلكى قاتارلىقلارنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت بەلگىلىمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان يەنە ئىلگىرى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى،ئوت قويۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئۆلۈم جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن. مۇشۇنىڭغا ئاساسلىنىپ گىتلىر ھۆكۈمىتى كوممۇنىستلار بىلەن ئىلغار زاتلارغا ھەدەپ زىيانكەشلىك قىلغان.مەزكۇر پەرمان 12 يىل داۋاملىشىپ فاشىستلارنىڭ تېررورلۇق ھۈكۈمرانلىقىنىڭ ئاساسلىق دەلىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。