Uyghur主要词典
خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىدىكى جېكسون زۇڭتۇڭغا قارشى سىياسىي گۇرۇھ. 1828 - يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتى ۋاقتىدا سودا - سانائەت بۇرژۇئازىيسى بۇ گورۇھنى تەشكىل قىلىپ، سابىق زۇڭتۇڭ جون كۋىنس ئادامىسنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بولۇشنى قوللىغان. چېگرا بېجىنى ئۆستۈرۈش، پۇل ئامانەت تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرغا قويغان، لېكىن سايلام رىقابىتىدە يېڭىلگەن. 1834 - يىلى بۇ پارتىيە بىلەن باشقا تەشكىلاتلار بىرلىشپ خويگ پارتىيىسىنى قۇرغان.
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىدىكى ئوڭ قانات پارتىيە. 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئاساسىدا قۇرۇلغان. كاتولىك مۇخلىسلىرى ۋە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بەزى كاتولىك دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئامېرىكاپەرەس مالىيە گورۇھلىرى بىلەن ئالاقىسى بار. ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى پېدۇر، موررس، شۇمان ۋە فلىنمۇران قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەسلىدە پارلامېنت ئىچىدىكى چوڭ پارتىيە بولۇپ، كۆپ قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن. 50 - يىللاردىن كېيىن، سىنىپىي كۈرەش كەسكىنلىشىپ، ئىككى قۇتۇپقا ئوچۇق - ئاشكارا بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكتىن، ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالماي، كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلاشقان. 1965 - يىلى 10 - ئايدا باشقا پارتىيە - گورۇھلار بىلەن بىرلىشىپ زۇڭتۇڭلۇق سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان، كېيىن ئىككىنچى يىلى 2 - ئايدا يەنە <دېموكراتىيە مەركىزى> گە قاتناشقان. لېكىن 1967 - 1968 - يىللاردىكى پارلامېنت سايلىمىنىڭ ھەممىسىدە قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، ھازىر خۇددى بىر سىياسىي كۇلۇپتەك بولۇپ قېلىپ، فرانسىيىدە تەسىرى قالمىدى.