Uyghur主要词典
خەيمېن سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگونىڭ سوپىزمچى قادىرىيە ئېقىمىغا مەنسۇپ سۈلۈكنى لەنجۇدىكى نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن خۇيزۇ خەي كو (تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) قۇرغانلىقتىن، شۇ كىشىنىڭ فامىلىسى سۈلۈك نامى قىلىنغان. خەي كو ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ھاسسا، تەسۋى قاتارلىق نەرسىلىرىنى دىن تەبلىغاتىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە لەنجۇ شىجىنچاۋدىكى شاگىرتى شامەنلارغا ئەۋەتىپ بەرگەن. خەي كو ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شامەنلا ئۇستازى قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەرنى خاتىرىلەيدىغان مازار سېلىپ <شاڭيۈەن تاۋاپخانىسى> دەپ ئاتىغان. شامەنلا خېجۇغا دەپنە قىلىندى. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا گۈمبەز سېلىپ <شا جەمەتىنىڭ گۈمبزى> دەپ ئاتىدى. خەيمېن سۈلۈكى <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنى دىنىي تەبلىغاتنىڭ ئۆلچىمى قىلغاندىن باشقا، <ئېتىقاد ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ> دەپ قارىدى. بۇ سۈلۈكنىڭ ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلار ئېتىقادنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. ئەگەر ۋەدىسىدە تۇرمىسا، خەيمېن سۈلۈكنىڭ ئادىمى بولالمايدۇ. بۇ سۈلۈكنىڭ ئادىمى كۆپ ئەمەس. ئاساسلىقى لەنجۇ شەھىرى، لىنشادىكى گۇاڭخې قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.