Uyghur←Chinese主要词典
خەيفا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
海法
hǎi fǎ
پەلەستىننىڭ شىمالىدىكى قاتناش تۈگۈنى، ئەڭ چوڭ پورتى ۋە سانائەت مەركىزى، مۇھىم ساياھەت شەھىرى. ئاھالىسى 228 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ جايدا نېفىت ئايرىش، خىمىيىۋى دورا ئىشلەش، خىمىيىۋى ئوغۇت، سۇلياۋ، كاۋچۇك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەش، ھەربىي قورال - ياراق، كېمىسازلىق، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، سىمسىز رادىئو، قۇرۇلۇش بىناكارلىق، سېمونت، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. پەلەستىننىڭ ئىچكى رايونلىرىدىن نۇرغۇنلىغان ئىشچىلار بۇ جايغا كېلىپ ئىشلەپ قايتىدۇ. پەلەستىننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن ئېلىنىدىغان كان بايلىقلىرى بۇ جاي ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدۇ.