Uyghur←Chinese主要词典
خاۋسا پولىسى
دۇنيا تارىخى
豪萨城邦
háo sà chéng bāng
خاۋسالار بۇگۈنكى نېگىرىيىنىڭ شىمالى ۋە نېگىرىيىنىڭ جەنوبى قىسمىدا تۇرغان بىر قاتار شەھەر دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى Ⅺ ئەسىردىن ئىلگىرى ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئەڭ بالدۇرقىسى ⅤⅢ ئەسىردە قۇرۇلغان بولسا كېرەك. دەسلەپتە يەتتە پولىس، يەنى داۋرا، كانو،رانو،كاچىنا، كوبىر، زارىيەۋە بىرام بولۇپ بىردەك <خاۋسا باكۋاي> دەپ ئاتالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا داۋرا مۇشۇ يەتتە پولىسنىڭ ئانىسى ئىكەن ھەرقايسى پولىسنىڭ ئۆزىگە خاس كەسپى بولغان. كېيىن يەنە يەتتە پولىس بارلىققا كەلگەن بۇلار زامفارا،يۇرى،گۋارى، نۇپې، كوروروفا، يوروبا ۋە كېببىدىن ئىبارەت. بۇلار غەيرىي رەسمىي پولىس دەپ قارالغان ئىلگىرىكى يەتتە ئەنئەنىۋى پولىستىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن <بېمزا باكۋۇ> دەپ ئاتالغان. ھەر قايسى پولىسلار سېپىللىق شەھەرنى مەركەز قىلغان، تۆت ئەتراپى دېھقانچىلىق رايونى بولغان. ⅩⅨ ئەسىردە ئىسلام دىنى تارقالغان ھەر قايسى پولىسلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ ئۆزئارا ئۈستۈنلۈك تالاشقان،بەزىدە تارماق ئىتتىپاق تۈزگەن. شۇڭا ئۇزۇن مەزگىل كۈچلۈك قوشنىسى سۇڭخەي پادىشاھلىقى ۋە بورنو پادىشاھلىقىغا بېقىنىپ كەلگەن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوسمان دىن فودىئو فورىبلارغا رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ خاۋسا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ سوكودو پادىشاھلىقىنى قۇرغان