Uyghur←Chinese主要词典
خاتتورى ئىتارۇ سۇبۇرۇ
دۇنيا تارىخى
服部之总
fú bù zhī zǒng
(1901 -1956) ياپونىيە تارىخشۇناسى. 1925-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1926-يىلى مەركىزىي ئەپكار جەمئىيىتىنىڭ مەتبۇئات نازىرى بولغان. 1932-يىلى خانى گورو قاتارلىق كىشىلەر بىلەن <ياپونىيىنىڭ كاپىتالىستىك تەرەققىيات تارىخى توغرىسىدا لېكسىيە" نى يېزىشقا قاتناشقان. كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن تەتقىقات خىزمىتىنى توختىتىپ قويغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1949-يىلى ياپونىيە كومپارتىيىسىگە كىرگەن، 1952-يىلى سىياسىي - قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئاساسلىقى ياپونىيە يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلغان. شوگناتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياپونىيە >ھەقىقىي ئىشخانا قول سانائىتى باسقۇچى< دا تۇراتتى، مېيجى يېڭىلىقى نوقۇل فېئوداللىق دۆلەتتىن مۇتلەق دۆلەتكە ئۆتۈش يولىدىكى بۇرۇلۇش، ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئېلىپ بېرىلغان بۇژۇئا ئىنقىلابى، بۇ ئىنقىلابنى ئالغا سۈرگەن ئاساسىي گەۋدە باي دېھقانلار ۋە باي سودىگەرلەر قاتلىمى دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسلىرى ياپونىيە تارىخشۇناسلىق ساھەسىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. >مېيجى يېڭىلىقى تارىخى<، >مېيجى يېڭىلىقى تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات<، >مېيجى يېڭىلىقى توغرىسىدا<، >مېيجى ئىنقىلابى< قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن 24 توملۇق >خاتتورى ئەسەرلىرى< نەشر قىلىنغان.