Uyghur主要词典
خاتىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خىيال، ئوي، پىكىر:
1. بەيابانى ئەدەمدە پەيكەرىمنى لەختە قان ئەتكەچ،
چۇدۇر بار روشەن ئولدى خاتىرجەم سەيرى جەھان ئەتكەچ.
زەلىلى.
2. تۇرۇپ سائەت ئاندا تەماشا قىلىپ،
ئانىڭ كارى خاتىرنى شەيدا قىلىپ.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆڭۈل، ئۆي، ئەس، خىيال؛ كەيپىيات؛ كۆڭۈلدە بىر نەرسىنى ساقلىماق، ئەسلىمەك: (كۆپلۈكى <خەۋاتى>): پەرىشان خاتىر - ئىسى ئۆزىدە ئەمەس، جايىدا ئەمەس؛ ئېرەنسىزلىك؛ يورۇق خاتىر - ئوچۇق پىكىر، ئوچۇق كۆڭۈل؛