Uyghur主要词典
خاستىڭ
دۇنيا تارىخى
(1732 - 1818) ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىسى، ھىندىستاننىڭ تۇنجى ۋالىيىسى (1774 - 1785). زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1750-يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىسان شىركىتىدە ئىشلىگەن، كىلىۋېنىڭ كالكوتتىدا تۇرۇشلۇق كۈچلۈك ياردەمچىسى. 1772 - 774 - يىلىرى بېنگال ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيىسى بولغان. ۋالىي بولغان مەزگىللىرىدە بىر قاتار مالىيە، باج ۋە ئەدلىيە تۈزۈملىرىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. بېنگال ناۋابلىرىنىڭ يىللىق پۇلىنى كېەيتكەن، موغۇل ئىمپېىريىسىنىڭ ئىمپېراتورىغا بېرىلىدىغان يىللىق تەمىناتنى توختاتقان، بېنالېس كىنەز - تۆرىلىرىدىن كۆپ مىقداردا ئولپان ئالغان، تىلەمچى راھىبلار مەزھىپى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك تۈردە باستۇرۇپ روخىللالىقلارنىڭ يېرىنى يۇتۇۋالغان. فرانسىيە كۈچلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ماراتا ئۇرۇشى (1775 - 1781) ۋە موسۇل ئۇرۇشىنى (1780 - 1784) قوزغاپ، جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونىغا كۆز تىككەن، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. 1785-يىلى ئەنگلىيىگە قايتقان. ئۈچ يىلدىن كېيىن ئەرز قىلىنىپ سوتقا تارتىلىپ، يەتتە يىل داۋاملىشىپ ئاخىرى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغان.