Uyghur←Chinese主要词典
خاسسۇنا خارابىسى
دۇنيا تارىخى
哈斯那遗址
hā sī nà yí zhǐ
ئىراقتىكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە مەنسۇپ خارابە. ئىرقنىڭ شىمالىدىكى موسۇلنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 35 كىلومېتىر كېلىدىغان خاسسۇنا كەنتىدە. 1943 - 1944 - يىللىرى ئىراق ئارخېئولوگىيە ئىدارىسى قېزىپ، جەمئىي 15 مەدەنىيەت قاتلىمىنى تاپقان بىرىنچىدىن بەشىنچى قاتلامغىچە ئوچاق، نان پىشۇرىدىغان ئوچاق، ئىدىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئولتۇراق خارابىسى تېپىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا ينە سېرىق، جىگەر رەڭ خام ساپالنىڭ ئۈستىگە ئاق پەرداز توپىسى بېرىلگەن، يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە جىگەر رەڭ، تۇم قارا رەڭلەر بىلەن كاتەكچە نەقىشلەر، ئەگرى - بۈگرى نەقىشلەر سىزىلغان <خاسسۇنا رەڭدار ساپاللىرى> تېپىلغان. ئالتىنىچ قەۋەتىدىن ئونىنچى قەۋەتكىچە بولغان ئارىلىقتا خارافوچە ساپلا قاچىلار، 11-قەۋىتىدىن 12-قەۋىتىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئوبادچە ساپال قاچىلار تپىلغان 13-قەۋىتىدىن 15-قەۋەىتىگىچە بولغان ئارىلىق قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. يەردىن قېزىۋېلىنغان نۇرغۇن ئاسارئەتىقىلەر خارافو دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ساپال قاچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ساماراچە ساپال قاچىلارنىڭ خاسسۇنانىڭ ئوتتۇرا دەۋرىدە تېپىلغىنىغا ئائىت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ قەدىمكى ئىراقنىڭ ساپال قاچىلار تەتقىقاتى ۋە يىلنامىسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.