Uyghur主要词典
خارتىزم
دۇنيا تارىخى
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەنگلىيىدە پارتلىغان ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا ئۇنىڭ ئاساسىي تەلىپى < خەلق خفرىتىسى> ناملىق پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتتە مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇرژۇئازىيە ئىشچىلارنىڭ سايلام ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش كۈرىشىدىن پايدىلىنىپ، 1832-يىلى پارلامېنت ئىسلاھاتنى ئەمەلەە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئىشچىلار سىنىپىغا قارىتا ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ۋە ئېزىشنى كۈچەيتىپ، غالىبيەت مېۋىسىنى تارتىۋالغان. پرولېتارىيات تەدرىجىي ھالدا مۇستەقىل ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى باشلىغان. 1836-يىلى لوندوندا قول سانائەتچىلەرنىڭ ۋەكىلى لوۋېت (1800 - 1877) باشچىلىقىدىكى لوندون ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان ھەمدە كېىنكى يىلى پارلامېنتقا مۇراجىئەتنامە تاپشۇرغان. بۇ 1838-يىلى <خەلق خارتىيىسى> نامىدا ئېلان قىلىنىپ، ئومۇمىي سايلام قاتارلىق 6 ماددىلىق سىياسىي تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. جايلاردىمۇ ئاقرىمۇ ئارقا ئىشىچلار ئۇيۇشمىلىرى قۇرۇلۇپ، بۇرژۇئازىيە ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئىچىدكى تەرەققىپەرۋەر زالارنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، كۈچلۈك سىياسىي نامايىش شەكىللەنگە. 1838-يىلى 10-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك خارتىزمچىلار مەملىكەتلىك يىغىنىنىڭ ۋەكىللەر سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، قىشتا تۇنجى قېتىملىق ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى قوزغالغان، ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانى بىر مىليون 280 مىڭ ئادەمگە يەتكەن. 1839-يىلى 2-ئايدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك يىغىن ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، كۆپلىگەن رەھبەرلىرى قولغائ ېلىنغان. 1840-يىلى 7-ئايدا مەملىكەتلىك خارتىزمچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى دولقۇن قوزغىتىلغان. ئىككىنچى قېتىملىق مۇراجىئەتنامە (1842-يىلى) گە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانى 3 مىليون 300 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى مائاش ئۆستۈرۈش، ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش تەلەپ قىلىنغان ئىش تاشلاش ھەرىكىتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. ئۈچىنچى قېتىملىق دولقۇن 1848-يىلى يۈ بېرىپ، مۇراجىئەتنامىگە بىر مىليون 970 مىڭ ئادەم ئىمزا قويغان. كېيىن بۇ ھەرىكەت كۈنسايىن ئاجىزلاشقان. خارتىزمچىلارنىڭ رەھبىرىي كۈچى ئاساسلىقى ئۈچ ئېقىمغا بۆلۈنگەن: سولچىلار ھارنېي جونسنى ۋەكىل قىلغان، ئوتتۇرىدىكىلەر <زوراۋانلار> نىڭ داھىيىلىرىدىن ئوكوننور، ئوبرىئېن (1805 - 1864) نى ۋەكىل قىلغان، ئوڭچىلار <ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتچىلەر> نىڭ داھىيىسى لوۋېتنى ۋەىل قىلغان. ئىنقىلابىي سىياسىي پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغاچقا، كۈرەش مۇراجىئەتنامە سۇنۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمران سىنىپىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، ھەرىكەت ئاخىر مەغلۇپ بولغان. بىراق، ئۇ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مۇستەقىل بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىققانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىدى، ماركس، ئېنگلېس ۋە لېنىن ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەرگەن.