Uyghur主要词典
خارىجان ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
ھىندىستاندىكى موخانداس كارامچاند گەندى تەشەببۇس قىلغان ئاۋام خەلقنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈش ھەرىكىتى. خارىجان دېگەن سۆز <خۇدانىڭ ئوغلى> دېگگن مەنىدە بولۇپ، گەندى ئىجاد قىلغان ئاۋام خەلق تەبىقىسىنىڭ نامى. ئۇ ئاۋام ىەلقمۇ باشقا تائىپىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئوخشاشلا بىر خۇداغا ئېتىقاد قىلىدۇ، شۇڭا ئوخشاش ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. 1931-يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق يۇمىلاق جوزا يىغىندىن كېيىن، گەندى ئەنگلىينىڭ <بۆلۈپ ئىدارە قىلىش> سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاۋام خەلقنى مىللىي ھەرىكەتكە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلغان ھەمدە ئاۋام خەلق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1932-يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنى گەندى تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلىپ، ئاۋام خەلققە ھىندى مۇرىتلىرى سايلىغۇچىلار بىرلىكىدە 148 ئورۇن ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان. گەندىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئاۋام خەلق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ھىندى دىنى كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن <پونا كېلىشىمى> ئىمزالاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كومىتېتىنىڭ ئېتىرپا قىلىشىغا ئېرىشكەن. گەندىنىڭ چاقىرقى ئاستىدا، ئاۋام خەلق تۈزۈمىگە قارشى ئىككى تەشكىلات قۇرۇلغان، بۇ تەشكىلاتلار خەلق كونگىرېسى پارتىيىسىنىڭ ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. خەلق كونگىرېسى پارتىيىسى مادراس ئۆلكىسىدە ئاۋام خەلقىنىڭ ھىندى دىنى ئىبادەتخانلىرىغا كىرىش ھەرىكىتنى قوزغاپ، 1932-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈىنى ھىندىستان بويىچە <ئارىلاشماسلىققا قارشى تۇرۇش كۈنى> قىلىپ، 1933-يىلى 1-ئاينىڭ 8 - كۈنىنى <ئارىلاشمىغانلارنىڭ ئىبادەتخانىغا كىرىش كۈنى> قىلىپ بېكىتكەن.