Uyghur主要词典
خارابلاشماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
گۈللەنگەن ھالەتتىن چېكىنمەك، زاۋاللىققا يۈز تۇتماق.
راۋاجلانماق، روناق تاپماق
كىچىكتىن چوڭغا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە يۈكسەلمەك، گۈللەنمەك، تەرەققىي قىلماق.
خارابلاشقان مىللىي مائارىپ يېقىنقى يىللاردىن بېرى خېلى راۋاجلاندى. خاراب بولما، روناق تاپ. خاراب بولغان ئىگىلىك روناق تاپتى. يامان نىيەتلىك كىشى روناق تاپماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
خارابىلىككە ئايلانماق، خاراب بولماق، ۋەيران بولماق، بۇزۇلماق.
شەھەر خارابلاشتى.
ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قىيىن، ئېغىر ئاقىۋەتكە قالماق، ۋەيرانچىلىققا قالماق، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق، زاۋاللىققا يۈز تۇتماق، چۈشكۈنلەشمەك.
ئۇ زاۋۇت خارابلىشىپ بىر يەرگە باردى.