Uyghur主要词典
خان تەرەپدارلىرى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گۇرۇھلارنىڭ بىرى. 1931 - يىلى ئۆكتەبر ۋەقەسىدىن كېيىن بارا - بارا شەكىللەنگەن. تاياماكۇبى، ئاراكى تېيئو قاتارلىقلار ئاساسلىق كىشىلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى كۆپىنچە تۆۋەن دەرىجىلىك <يېڭىلىق تەرەپدارلىرى> بولغان ياش ئوفىتسېرلاردىن ئىبارەت. ئۇلار <دۆلەت ئابرويىنى نۇرلاندۇرۇش>، <تېننو ھاكىمىيەت سوراش> نى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن خان تەرەپدارلىرى دەپ ئاتالغان. بۇ گۇرۇھ <بىۋاستە ھەرىكەت>، يەنى قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھەربىي فاشىستىك ھاكىمىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق قانۇنىي ۋاستىگە تايىنىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەربىي مۇستەبىتلىكنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى بىرلىك تۈزۈمى تەرەپدارلىرى بىلەن قارشىلاشقانىدى. ئاراكى نېيئو ئاغرىق سەۋەبىدىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكى (1934) ۋە تاياماكۇبې مائارىپ باش نازارەتچىلىكىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن (1935) بىرلىك تۈزۈمى تەرەپدارلىرى بارا - بارا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ئايىزاۋا ۋەقەسى ۋە 26 - فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن خان تەرەپدارلىرىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن ياكى تازىلانغان. شۇنىڭ بىلەن، بىرلىك تۈزۈمى تەرەپدارلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى كونترول قىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.