Uyghur主要词典
خان
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ساراي، مېھمانخانا؛ دۇكان؛ ئۇۋا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلىق _ پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى.
ئالدىنقى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ھون، تۈرك، ئۇيغۇر ھۈكۈمرانلىرىنىڭ ئاتىلىشى؛ ئىككىنچى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمرۈنلارنىڭ ئاتىلىشى؛ ئۈچىنچى چېكى
خان _ قوزۇق، پۇقرا _ ئوزۇق. ئۆردەك يوق كۆلدە لايخورەك خان بوپتۇ. بەگ بىلەن ئېلىشما، دەرەخ بىلەن چېلىشما. بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭنى ئوشاتاي. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. بالا بۆشۈكىدىن يىقىلغۇچە، شاھ تەخىتتىن غۇلىسۇن. ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئومۇمەن دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى، دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇچى.
پۇقرا، رەئىيە
بىر دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئاددىي خەلقى.
خان قوزۇق، پۇقرا ئوزۇق. ئۆدەك يوق كۆلدە لايخورەك خان بوپتۇ. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. پادىشاھنىڭ يىلتىزى رەئىيەدە، رەئىيەدىن قول ئۈزمە.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
خان.
تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پادىشاھى. ئافراسىياپنىڭ ئوغۇللىرىمۇ « خان» دېيىلىدۇ. ئافراسىياپنىڭ ئۆزى « خاقان»دېيىلىدۇ. بۇ نامنىڭ بېرىلىشى توغرىسىدا ئۇشۇن بىر ھېكايە بار.
3 - 215
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
(1) خان، ھۆكۈمدار؛ (2) قان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. جۇڭگو ۋە باشقا شەرق مەملىكەتلىرىدە، ئوتتۇرا ئەسىرگە تەۋە خانلىق تۈزۈمدىكى ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئەمەل نامى ۋە شۇ ئەمەلگە ئېرىشكەن كىشى.
قوقەنت خانى. خان سارىيى.
خاننىڭ ئاغزى مايمۇن (ماقال).
ئى. تارس. خانلىق قىلغان، خانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كىشى ئىسمىغا قوشۇلۇپ كېلىپ، شۇ كىشىنىڭ ھۆرمەت مەنسىپىنى ئىپادىلەيدۇ.
تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، قىدىرخان ياركەندى يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ۋە مۇزىكىشۇناس بولۇپ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىدا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنىكەن.
سۈپ. <ئانا، ئاغىچا، ئاچا> سۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ياكى ئاياللار، بەزىبىر ئەرلەر ئىسمىنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپ، ھۆرمەتنى بىلدۈرىدۇ.
خان ئانا. خان ئاچا. ھاۋاخان.
مېنىڭ تاغام مامۇتخان پىچان ناھىيىلىك بانكىدا ئىشلەيدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
① خان، ھۆكۈمدار؛ ② قان
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
خان، ھۆكۈمدار.