Uyghur主要词典
خالتۇرىن
دۇنيا تارىخى
(1856 - 1881) روسيىلىك ئىشچى ئىنقىلابچى، ياغاچچىلىقتىن كېلىپ چىققان. بۇرۇنلا پېتىربۇرگتا ئىلغار ئىشچىلار تەشكىلاتى <دوستلۇق جەمئىيىتى> گە قاتناشقان. 1878 - 1879 - يىللىرى ئوبنورىسكىي بىلەن بىرلىكتە <شىمالىي روسىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى> گە رەھبەرلىك قىلىپ، چارروسىيىنىڭ ئىستىبداتلىق تۈزۈمىگە قارشى چىققان. كېيىن خەلق ئىرادىسى پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1880-يىلى 2-ئايدا، قىشلىق سارايدا ئالېكساندر Ⅰ نى قەستلىمەكچى بولۇپ نىيىتىگە يېتەلمىگەن. 1882-يىلى 3-ئايدا ئودېسسانىڭ باش ھەربىي تەپتىش سترېلىنكوۋنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا قولغائېلىنغان ۋە ھەربىي سوتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.