Uyghur主要词典
خالىس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غەرەزسىز، سەمىمىي، لىللا:
ساپ، تازا:
يالغۇز، تەنھا:
1. ناقسا، كۆڭۈلنى خالىس قىلىش نۇقۇشى غەيرىدىن،
ئول پەرى كويىدا جانىڭنى دېسەڭ گەر ئۇتقۇزاي.
2. ھەر غەشلىغدىنكى ناقىس،
بولدى بۇگۇداز بىرلە خالىس.
نەۋايى.
3. كەرەمدىن جامىمە ئەفيۇن ئېزىپ مەي بەرگىل، ئەي ساقى،
كى باسماس بادەئى خالىس مېنىڭ ھەجر ئىچرە خۇممارىم.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ساپ، تازا؛ ھەقىقى، چىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. ھەممىگە بىر خىل نەزەر بىلەن قارايدىغان، بىرەر تەرەپكە يان باسمايدىغان؛ بىتەرەپ؛ ھەقىقىي.
خالىس ئەلچى. خالىس ئادەم.
سۈپ. ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەيدىغان، تەمە قىلمايدىغان، غەرىزى يوق، سەمىمىي.
ئۇ خالس توغرا شەخسىيەتسىز ئادەم ئىدى.
سۈپ. ھەق تەلەپ قىلمايدىغان، ھەق ئالمايدىغان، ھەقسىز؛ چىن كۆڭلىدىن.
خالىس ئەمگەك. خالىس ياردەم.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
① ساپ، پاكىز، ھەقىقى، ② ئەركىن