Uyghur←Chinese主要词典
خاللام
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
哈勒姆〈美〉
hā lè mǔ 〈měi 〉
دۇنيا تارىخى
哈兰
hā lán
(1777 - 1859) ئەنگىلىيەلىك تارىخشۇناس. ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇغان.ئىلگىرى لوندوندا ئادۋوكات بولغان. ئەنگلىيە خانلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1830 - يىلى ئەنگلىيە كورۇلى گېئورگىⅣ تەسىس قىلغان تارىخ ئىلمىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. سىياسىي جەھەتتە ۋىگ پارتىيىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، مۇتەئەسسىپلىك مەيدانىدا چىڭ تۇرغان ۋە دائىم ۋىگ پارتىيىسىنىڭ ژورنىلى <ئېدىنبورگ ئوبزورى> غا ماقالە يېزىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسىرى <ئەنگىلىيەنىڭ دىموكراتىك سىياسىي تارىخى> 1827 - يىلى ئېلان قلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 1485 - 1760 - يىللىرىدىكى ئەنگىلىيەدە بولۇپ ئۆتكەن تارىخى ئىشلار خاتىرلەنگەن. بۇ كىتابنى كۆپلىگەن داشۆلەر دەرسلىك ئورنىدائىشلەتكەن، ماركس بىلەن ئېنگېلس بۇ كىتابقا شەرھى يازغان. يەنە <ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا تارىخى> ناملىق كىتابى بار. بۇنىڭدا Ⅴئەسىردىن ⅤⅩئەسىرگىچە ئۆتكەن ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەرنىڭ تارىخى قىسقىچە بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا <ⅤⅩ، ⅥⅩۋەⅦⅩئەسىردىكى ياۋرۇپا ئەدەبىياتىغا مۇقەددىمە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.