Uyghur←Chinese主要词典
خاياشى شىخېئى
دۇنيا تارىخى
林予平
lín yǔ píng
(1738 - 1793) ياپونىيە ئېدو دەۋرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مۇتەپەككۈر. ئېدودا تۇغۇلغان. 1775 - 1782 - يىللىرى ئۈچ قېتىم ناگاساكىغا بېرىپ ئوقۇپ، گوللاندلاردىن چارروسىيەنىڭ سىبىرىيىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن جەنۇبىي تەرەپتە چىدورى تاقىم ئاراللىرىنى تەمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، دېڭىز مۇداپىئەسىنىڭ مۇھىملىقىنى قاتتىق ھېس قىلغان. كېيىن ئېدودا گوللاندىيە ئىلمىي تەرەپدارلىرىدىن ئوتسۇكى گېن ساۋا، كاتسۇراگاۋا خاجىمىي قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىپ، چەت ئەلنىڭ ئەھۋالى بىلەن پىششىق تونۇشقان. 1786 - يىلى <ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي ئەھۋالى ئۈستىدە سۆھبەت> دېگەن 16 جىلدلىق ئەسەرنى يېزىپ، دېڭىز مۇداپىئەسى مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرۇپ، چارروسىيەنىڭ جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىشىدىن مۇداپىئەلىنىشىنى تەشەببۇس قىلغان؛ 1791 - يىلى بۇ ئەسەرنى ئۆز راسخوتى بىلەن نەشىر قىلدۇرغان. بۇ ئەسەر شوگنات ھۆكۈمىتىنى دەككە - دۈككىگە سېلىپ قويغاچقا، ئىككىنچى يىلى ئۇ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىپ، كىتابنىڭ ئويما مەتبەئەسى مۇسادىر قىلىنغان. كۆپ ئۆتمەي دەرد - ئەلەم ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن.