Uyghur←Chinese主要词典
خابېر
دۇنيا تارىخى
哈柏
hā bǎi
(1868 - 1934) گېرمانىيىلىك خىمىك. برېسلاۋدا تۇغۇلغان. 1906 - 1911 - يىلىرى گېرمانىيىنىڭ كارسىروۋى سانائەت داشۆسىدە پروفېسسور بولغان، 1911-يىلىدىن كېيىن ۋىللىيام خانلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ فىزىكا - خىمىيەت تەتقىقات ئورنى ھەمدە ئېلېكترو خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە بېرلىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1933-يىلى ناتسىستلارىڭ يەھۇدىيلارنىڭ چەتكە قېقىش سىياسىتىدن نارازى بولۇپ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن ۋە ئەنگلىيىگە لېكسىيە ئوقۇشقا چىقىپ كەتكەن. بىر ئۆمۈر پۈتۈن كۈچىنى خىمىيىلىك مۇۋازىنات ۋە گاز جىسىملارنىڭ رېئاكسىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقاتقا قاراتقان. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى ئاممىياكنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققان. بۇنىڭ ئۈچۈن 1918-يىلى نوبىل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ ئۇسۇل كارل بوش (1874 - 1940) نىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشى بىلەن سانائەتلەشكەن. <خابېربوس قانۇنى> دەپ ئاتىلىپ، ھازىرقى زامان مۇقىم ئازوت سانائىتى ھەمدە ئازوت ئوغۇت سانائىتى ئۈچۈن ئاساس سالغان. ئۇنىڭ <سانائەتتىكى گازلارنىڭ رېئاكسىيىلىك ئىسسىقلىق مېخانىكىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.