Chinese→Uyghur主要词典
无足目
بىئولوگىيە
پۇتسىزلار ئەترىتى
<ئاپودالار>، <يالىڭاچ يىلانلار> (گىمنوفىئونالار، Gymnophiona)، <قارىغۇ سەمەندەرلەر> ياكى <سازاڭسىمان سەمەندەرلەر> (Caecilia) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قوش ماكانلىقلار سىنىپىغا كىرىدۇ. تېنى ئۇزۇن، يۇمىلاق، شەكلى سازاڭ ياكى يىلانغا ئوخشايدۇ. قۇيرۇقى ناھايىتى قىسقا، تۆت پۇتى ۋە كەمەرلىرى يوق. تېنى پارقىراق، يالىڭاچ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى كۆپ، نۇرغۇنلىغان ھالقىسىمان پۈرمە سىزىقلىرى بولىدۇ؛ تېرە ئاستىدا ئۇششاق سۆڭەكلىك تەڭگىچىلىرى بولىدۇ. ئۇلار توپىنى كولاپ ياشىغاچقا كۆزى رۇدىمېنتلىشىپ تېرە ئاستىغا يوشۇرۇنغان، قۇلىقىدا ناغرا پەردىسى يوق. ئومۇرتقا تەنىسى ئىككى تەرەپتىن ئويمان، خوردىسى تېخىچىلا خېلى تەرەققىي قىلغان، قوۋۇرغا سۆڭىكى بار، كۆكرەك سۆڭىكى يوق بالا تەنىسىدە (لىچىنكىسىدا) ئۈچ جۈپ سىرتقى ژابراسى بولۇپ، سۇدا ياشايدۇ، يېتىلگەن تېنىنىڭ سىرتقى ژابراسى يوقالغان. ئۆپكىسى پەيدا بولغان، لېكىن پەقەت ئوڭ تەرەپ ئۆپكىسىلا تەرەققىي قىلغان. ئاز ساندىكى تۈرلىرى تىرىك تۇغقاندىن باشقا كۆپچىلىكى تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ، ھەممىسى بەدەن ئىچىدە ئوزۇقلىنىدۇ، ئەركىكىدە كلوئاكا دىۋارىنىڭ ئۆسۈپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن چېتىشىش ئورگىنى بار؛ كلوئاكا بوشلۇقى بەدىنىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا دېگۈدەك جايلاشقان. نەم ئورۇنلاردا توپىغا ئورەك كولاپ ھايات كەچۈرىدۇ. ئاساسلىقى ھاشارات ۋە لۆم - لۆم قۇرتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ھازىر ساقلىنىپ قالغان پۇتسىزلر تەخمىنەن 170 تۈر بولۇپ، تۆت ئائىلە 30 دىن ئارتۇق ئۇرۇقداشقا بۆلۈنىدۇ. ئۇلار ئامېرىكا، ئافرىقا (ماداغاسقار بۇنىڭ سىرتىدا) ھەم ئاسىيالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تروپىك بەلباغ ۋە سۇپتروپىك بەلباغلارغا تارقالغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى سازاڭسىمان سەمەندەر (Siphonops annulatus)، شەكلى ھازاڭغا ئوخشاش، تېرىسىنىڭ ئىچىدە ئۇششاق تەڭگىچىلىرى يوق؛ بېلىقسىمان سەمەندەر (lchthyoph isglutinosus)، شەكلى يىلانغا ئوخشاش تېرىسى ئىچىدە ئۇششاق تەڭگىچىلىرى بار. بۇنىڭدىن نەچچە يىللار ئىلگىرى يۈننەن ئۆلكىسىدىكى شىشىۋاڭبەننادىنمۇ بېلىقسىمان سەمەندەر كولاپ ئېلىندى. بۇ ئەترەتتىكىلەرنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى ھەققىدىكى خاتىرىلەر ناھايىتى ئاز، شۇڭا ئۇلار ئادەتتە قوش ماكانلىقلار سىنىپىدىكى نىسبەتەن ئىپتىدائىيراق تۈر دەپ قارىلىدۇ.
گىئولوگىيە
wú zú mù
پۇتسىزلار ئەترىتىDئۇنىۋېرسال
wú zú mù
پۇتسىزلار ئەترىتى