Chinese→Uyghur主要词典
五铢钱
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
5 جۇلۇق پۇل
بەش جۇلۇق پۇل - جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق ۋاقىت، ئەڭ كۆپ مىقداردا ئوبوروت قىلىنغان مىس پۇلنىڭ نامى بولۇپ، ئۈستىگە <بەش جۇ> دېگەن خەت بېسىلغان. بۇ پۇل ئەڭ دەسلەپ ىەن سۇلالىسى دەۋرىدە تارقىتىلىپ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (621 - يىلى) ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئەمما خەلق ئارىسىدا ئۇزۇن يىللارغىچە داۋاملىق ئوبوروت قىلىنغان.
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قەدىمكى ئىزلاردىن بۇ خىل پۇل كۆپلەپ تېپىلغان، ھەتتا مارالبېشىدىن مۇشۇ خىل پۇلنى قۇيۇشتا ئىشلىتىلىدىغان پۇل قېلىپى تېپىلغان. دېمەك، قەدىمكى شىنجاڭدىمۇ بۇ پۇل ناھايىتى كەڭ ئوبوروت قىلىنغان.
پۇل - مۇئامىلە
wǔ zhū qián
بەش جۇلۇق پۇل