Chinese→Uyghur主要词典
物质代谢与能量代谢
بىئولوگىيە
ماددا مېتابولىزمى ۋە ئېنېرگىيە مېتابولزىمى
ماددا مېتابولىزمى ئورگانىك ماددىلار (ئاقسىل، قەنت، ياغ، يادرو كىسلاتاسى قاتارلىق) نىڭ جانلىقلار تېنىدە ھەزىم قىلىنىشى، ئايلىنىشى، چىقىرىپ تاشلىنىشى ۋە فىزىئولوگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خىمىيىۋى جەريانلار ھەم ئورگانىزملاردىكى بارلىق ئاسسىملىياتسىيە، دىسسىمىلياتسىيە روللىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاتىلىشىغا قارىتىلغان. ئورگانىزمدىكى مېخانىك ئېنېرگىيە، خىمىيىلىك ئېنېرگىيە، ئىسىقلىق ئېنېرگىيىسى، قاتارلىق ئېنېرگىيىلەرنىڭ ھاسىل بولۇشى، ئايلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئېنېرگىيە مېتابولىزمى دەپ ئاتىلىدۇ. ئورگانىزمدا ماددا مېتابولىزمى بىلەن ئېنېرگىيە مېتابولىزمى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئادەتتە ماددا مېتابولىزمى بىلەن بىللە ئېنېرگىيىمۇ ئۆزگىرىدۇ. بىر مول گلۇكوزا ئېچىتقۇ ھۈجەيرىسىدە ئېچىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى مول ئېتىل ئىسپىرت ۋە ئىككى مول كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئارىلىقلىرىدا ئون نەچچە باسقۇچلۇق مېتابولىزم جەريانى بولۇپ، كۆپ قېتىم ئېنېرگىيە سۈمۈرۈلىدۇ ۋە قويۇپ بېرىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ھاسىل بولغان 16 مىڭ كالورىيە ئەتراپىدىكى خىمىيىلىك ئېنېرگىيە يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفاتلىق بىرىكمىدىكى خىمىيىلىك باغ ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ ATP مولېكۇلىسىدا زاپاس ساقلىنىدۇ.