Chinese→Uyghur主要词典
乌贼
بىئولوگىيە
كاراكاتسىيە
سىياھبېلىق، دېڭىز قاراقچىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باش پۇتلۇقلار سىنىپىنىڭ دىكاپوسلار ئەترىتى كاراكاتسىيە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. تېنى خالتا شەكىللىك، دۈمبە، قورساقلىرى سەل ياپىلاق، گەۋدە قىسمىنىڭ ئىككى يېنىدا تار كەلگەن گۆشلۈك ئۈزگۈچ قانىتى بولىدۇ. باش قىسمى تەرەققىي قىلغان، كۆزى چوڭ، تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ ھەم كرىستال تەنچىسى بار. بەش جۈپ بېغىشى بار، ئۇنىڭ ئىچىدە تۆت جۈپى گەۋدە قىسمىغا قارىغاندا قىسقا بولۇپ، ئىچكى يېنىدا نۇرغۇنلىغان كىچىك شورىغۇچ تەخسىلىرى بولىدۇ؛ يەنە بىر جۈپى ئۇزۇنراق، پەقەت ئاخىرقى ئۇچىدىكى كېڭىيىپ قوشۇق شەكلىگە كىرگەن جايدىلا شورىغۇچ تەخسىسى بولۇپ سېزىش بېغىشى دېيىلىدۇ، ئىشلەتمىەەن چاغدا بېشى ئىچىكى سېزىش بېغىشى خالتىسىغا پۈتۈنلەي قىسقىراپ كىرىپ كېتىدۇ. شورىغۇچ تەخسىسىنىڭ ساپىقى ھەمدە مۈڭگۈز ماددىلىق ھالقىسى بولىدۇ. قاپقۇقى رۇدىمېنتلىشىپ قېيىقسىمان شەكىلگە كىرگەن بولۇپ، سىرتقى غىلاپ پەردىسى ئىچىگە چۆكۈپ تۇرغاچقا، ئادەتتە <كاراكاتسىيە سۆڭىكى> دېيىلىدۇ. بەدىنىنىڭ سىرتى كۆكۈچ ئاق رەڭلىك بولۇپ، پوستىنىڭ ئاستىدا پېگمېنت ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ، شۇڭا رەڭگى ئوخشىمىغان داغلار كۆرۈلىدۇ. تېنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئالاھىدە بىر تۈزۈلۈش - سىياھ خالتىسى بولۇپ، بوياق سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ، دۈشمىنىگە يولۇققاندا ۋارونكا ئېغىزىدىن سىياھ خالتا بوشلۇقىغا جۇغلانغان بوياق سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىپ ئەتراپتىكى دېڭىز سۈيىنى دۇغلاشتۇرۇۋېتىش ئارقىلىق يوشۇرۇنۇپ دۈشمىنىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، شۇڭا <سىياھ بېلىق> دەپ ئاتالغان. كاراكاتسىيە كۆچۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئەركىن ئۈزۈپ يۈرىدىغان ھايۋان بولۇپ، كۆپىنچە چوڭقۇر دېڭىزلاردا ياشايدۇ، ئاپرېل، ماي ئايلىرىدا، تۇخۇم سېلىش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە تېيىز دېڭىزلارغا كېلىدۇ. گۆشخور. ئاساسلىق ئوزۇقلۇقى قاسىراقلىقلار ھەم باشقا مولليۇسكلار بولۇپ، بېلىقلارنىمۇ تۇتۇپ يەيدۇ. كاراكاتسىيىنىڭ گۆشى كۆپ، مەززىلىك بولۇپ، يېڭى پېتى يېيىشكىمۇ، قۇرۇتۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئاتىلىق كۆپىيىش بەزلىرى ۋە ئانىلىق تۇخۇم يۆگەش بېزىنىمۇ يېيىشكە بولىدۇ. ئالدىنقىسىنىڭ قۇرۇتۇپ تەييارلانغىنى <سىياھبېلىق باشىقى>، كېيىنكىسىنىڭ قۇرۇتۇپ تەييارلانغىنى <سىياھبېلىق تۇخۇمى> دېيىلىدۇ. ھەر ئىككىسىلا ناھايىتى مەشھۇر. ئىچكى قاپچۇقى جۇڭيى دورىسى قىلىنىپ <كۆپۈكى دەريا> دېيىلىدۇ، ئاشقازان كېسىلىنى داۋالايدۇ ياكى قان توختىتىدىغان دورا قىلىنىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى دېڭىز بويلىرىدا ئېسكۇلېنتا سىياھبېلىقى (Sepia eculenta) كۆپ ئۇچرايدۇ.
گىئولوگىيە
wū zéi
سىياھ بېلىقDئۆسۈملۈك
wū zéi
سىياھبېلىق، سېپىيەDئۇنىۋېرسال
wū zéi
سىياھبېلىق