Chinese→Uyghur主要词典
无意识记
پسىخولوگىيە
ئاڭسىز ئەستە قالدۇرۇش
(ئىختىيارسىز ئەستە قالدۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بۇ بەلگىلەنگەن مەقسىتى بولمىغان، ئەستە قالدۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان بىرەر ئۇسۇلمۇ قوللىنىلمىغان ئەستە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت. ئومۇمەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ئۇچرىغان شەيئىلەر ھامان كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدە مەلۇم دەرىجىدە ئىز قالدۇرىدۇ. كىشىنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئەھمىيىتى بولغان شەيئىلەر ياكى كىشى ئېھتىياجلىق بولغان، قىزىقىدىغان، پائالىيەتنىڭ مەقسەت - ۋەزىپىلىرىگە مۇۋاپىق بولغان شەيئىلەر ۋە كىشىنىڭ ھېسسىيات تۇيغۇسىنى قوزغايدىغان شەيئىلەر كۆپىنچە بىرەر قېتىم ئۇچراش بىلەنلا ئاڭسىز ئەستە قالدۇرۇش ئارقىلىق مۇستەھكەم ئەستە قالىدۇ.