Chinese→Uyghur主要词典
无烟煤矿工人罢工
دۇنيا تارىخى
ئىسسىز كۆمۈر كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى
1902 - يىلى 5 - ئايدا، ئامېرىكا كان ئىشچلىرى بىرلەشمىسى 150 مىڭ نەپەر ئىسسز كۆمۈر كان ئىشچىسىنىڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى، ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىشنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇش دەرھال پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. 10 ـ ئايدا، تىئودور روزۋېلىت زۇڭتۇڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قوشۇن ئەۋەتىپ كۆمۈر كانلىرىنى ئۆتكۈزۈۋلماقچى بولغان، كېيىن تالاش - تارتىشنى كېسىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر كومىتېت تەيىنلەپ ياراشتۇرۇشقا مەسئۇل قىلغان. كېيىنكى يىلى 3 - ئايدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، كومىتېت ئىش ھەققىنى 10 پىرسەنت كۆپەيتىشكە ۋە باشقا تەلەپلەرگە ماقۇل بولغان. لېكىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلماسلىقتا چىڭ تۇرغان.