Chinese→Uyghur主要词典
屋析技术
بىئولوگىيە
خروماتوگرافىيە تېخنىكىسى
<رەڭ خروماتوگرافىيىسى> دەپمۇ ئاتىلىدىغان، تۈرى كۆپ، مەزمۇنى مول بولغان بىر تۈردىكى خروماتوگرافىيە تېخنىكىسىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئۇ ماددىلارنى ئىككى فازا (تۇراقلىق ياكى تىنچ فازا، ئېقىشچان ياكى ھەرىكەتچان فازا) سىستېمىسىدا تەقسىملەنگەن قويۇقلۇق نىسبىتىنىڭ پەرقىدىن پايدىلىنىپ ئاجرىتىدىغان، ساپلاتۇرىدىغان تېخنىكا بولۇپ، بەزىدە يەنە مولېكۇلا ئېغىرلىقىنى ئېنىقلاشتا ئىشىتىلىدۇ. پرىنسپلىرىنىڭ ئوخسىماسلىقىغا ئاساسەن، خروماتوگرافىيە تېخنىكىسى، تەقسىملەش خروماتوگرافىيىسى (مەسىلەن، قەغەز خروماتوگرافىيىسى، تەتۈر ئېقىتىپ ئېرىتىپ بۆلۈش)، ئادسورپسىيە خروماتوگرافىيىسى (مەسىلەن، سېلىتسىيە G ... قاتارلىق)، ئىئون ئالماشتۇرۇش خروماتوگرافىيىسى، مولېكۇلا غەلۋىرىكى خروماتوگرافىيىسى ۋە يېقىنداشلىق خروماتوگرافىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خروماتوگرافىيىدىكى مۇقىم فازا: قاتتىق فازا، سۇيۇق فازا ياكى قاتتىق - سۇيۇق ئارىلاش فازا بولۇشى مۇمكىن. ئېقىشچان فازا: سۇيۇق فازا ياكى گاز فازا بولۇشى مۇمكىن، ئۇ مۇقىم فازىنىڭ يوچۇقلىرىنى تولدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، مۇۋازىنەت تۇرغۇزۇلۇش ئارقىلىق بۇ ماددىلار ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭدا تۇرغۇزۇلىدىغان مۇۋازىنەتنىڭ بىر قانچە خىل شەكلى بار، مەسىلەن، (1) ئادسورپسىيە خروماتوگرافىيىسىدىكى ئادسورپسىيىلىگۈچى قاتتىق مۇقىم فازا بىلەن ئېقىشچان فازا ئارىلىقىدىكى ئادسورپسىيە مۇۋازىنىتى؛ يەنە مەسىلەن، تەقسىملەش خروماتوگرافىيىسىدىكى قەغەز خروماتوگرافىيىسى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇنىڭ مۇقىم فازىسى بىلەن ئاقۇچان فازىسى ئارىسىدىكى تەقسىملىنىش مۇۋازىنىتى؛ يەنە مەسىلەن، ئىئون ئالماشتۇرۇش خروماتوگرافىيىسىدىكى ئىئون ئالماشتۇرغۇچى سمولا، ئۇنىڭ مۇقىم فازىسى ۋە ئېلېكترولىتتىن ئىبارەت ئېقىشچان فازىسى ئارىلىقىدىكى ئىئون ئالماشتۇرۇش مۇۋازىنىتى قاتارلىقلار. قەغەز خروماتوگرافىيىسىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ مۇقىم فازىسى سېلليۇلوزىنىڭ OH غا بىرىككەن قۇتۇپلۇق ئېرىتكۈچى سۇغا قارىتىلغان. قەغەزدىكى كاپىلليار نەيچىلەرنىڭ رولى ئارقىلىق قەغەزنى بويلاپ سىلجىيىدىغان ئورگانىك ئېرىتكۈچى ئېقىشچان فازا بولىدۇ، قەغەز ئۈستىدىكى ماددىلار ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى فازىدا مەخسۇس تەقسىملىنىش كوئېففىتسېنتىگە ئاساسەن تەقسىملىنىدۇ ئېقىشچان فازىدا ماددىنىڭ ئېرىشچانلىقى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇ قەغەز ئۈستىدە شۇنچە يىراققا سىلجىيدۇ. قەغەزدىكى بىرىكمىنىڭ ئېرىتكۈچى بىلەن بارغان ئارىلىقى بىلەن ئېرىتكۈچىنىڭ قەغەزنىڭ ئالدىنقى تەرىپىگە بارغان ئارىلىقىنىڭ نىسبىتى شۇ بىرىكمىنىڭ مۇئەييەن تېمپېراتۇرا، مۇئەييەن ئېرىتكۈچى قاتارلىق شارائىتتىكى Rf قىممىتى تەقسىملىنىش كوئېففىتسېنتىگە باغلىق بولىدۇ، ئوخشىمايدىغان بىرىكمىلەرنىڭ Rf قىممەتلىرى ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەر خىل بىرىكمىلەرنى ئايرىغىلى بولىدۇ. ئىشلىتىلىدىغان تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى بويىچە ئادەتتە نېپىز قەۋەتلىك خروماتوگرافىيە، تۈۋرۈك خروماتوگرافىيىسى (ئەمەلىيەتتە پرىنسىپ جەھەتتە ئوخشاشمايدىغان بىر قانچە تۈۋرۈك خروماتوگرافىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، ئىئون ئالماشتۇرغۇچىنى تۈۋرۈككە قاچىلاش مۇمكىن، مولېكۇلا غەلۋىرىكىنىمۇ تۈۋرۈككە قاچىلاش مۇمكىن، ئادسورپسىيىلىگۈچى ياكى يېقىنداشلىق خروماتوگرافىيە رېئاكتىۋىنىمۇ تۈۋرۈككە قاچىلاش مۇمكىن) قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئىشلەتكەندە چۈشەنچىنى ئارىلاشتۇرۇۋالماسلىق لازىم.