Chinese→Uyghur主要词典
无尾目
بىئولوگىيە
قۇيرۇقسىزلار ئەترىتى
<ئانورالار ئەترىتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قوش ماكانلىقلار سىنىپىغا تەۋە. يېتىلگىنىدە قۇيرۇقى بولمايدۇ. باش قىسمى سەل ئۈچ بۇرجەك، بويۇن قىسمى روشەن ئەمەس، بەدىنى توم - قىسقا، تۆت پۇتى تەرەققىي قىلغان، كەينى پۇتى چوڭ - ئۇزۇن بولۇپ، سەكرەش ۋە ئۈزۈشكە ماسلاشقان. بەدەن سىرتى يالىڭاچ، بەز تەنچىلىرى كۆپ. قۇلىقىنىڭ ناغرا پەردىسى ۋە ناغرىخانىسى بولۇپ، قۇلاق يۇتقۇنچاق نەيچىسى ئارقىلىق يۇتقۇنچاققا تۇتىشىدۇ. كۆزىدە ھەرىكەتلىنەلەيدىغان كۆز قاپىقى ۋە ئاسراش پەردىسى بولىدۇ. ئومۇرتقا تەنىسىنىڭ ئالدى ياكى كەينى تەرىپى ئويمان، ئومۇرتقا سۆڭىكى جەمئىي ئوندىن ئاشمايدۇ، قۇيرۇق ئومۇرتقىسى بىرىكىپ قۇيرۇق تاياقچە سۆڭىكىگە ئايلانغان. قوۋۇرغىسى يوق. باش سۆڭىكىنىڭ سۆڭەكلىشىش مۇكەممەل ئەمەس. بىلەك سۆڭىكى بىلەن يان بىلەك سۆڭىكى، پاقالچاق سۆڭىكى بىلەن يان پاقالچاق سۆڭىكى قوشۇلۇپ كەتكەن، كۆپ ساندىكىلىرى بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلىنىدۇ. ئۇرۇقلىنىشتىن ئىلگىرى يالغاندىن چېتىشىش ھەرىكىتى بار. تۇخۇمى ئادەتتە سۇغا سېلىنىپ، تۇخۇمدىن چىققان قۇمچاقلار ژابراسى ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ؛ ھالەت ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئۆپكىسى ئارقىلىق قوشۇمچە تېرىسى ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇراقسىز. قوش ماكان. تۇتۇپ سەكرەپ ھەرىكەتلىنىپ ياشايدۇ. ھازىرقى زاماندىكى قوش ماكانلىقلار سىنىپىدىكى تۈزۈلۈشى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىىك، تۈرلىرى ئەڭ كۆپ، تارقىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان بىر تۈركۈم ھېسابلىنىدۇ. تەخمىنەن 1700 تۈر 18 ئائىلىگە بۆلۈنگەن. ئاساسلىق تۈرلىرى؛ پىپاسىمانلار (Pipidae) ئائىلىسىدىكى ئامېرىكا پىپاسى جەنۇبىي ئامېرىكىدىن چىقىدۇ؛ تەخسە تىللىق چارپاقىلار ئائىلىسى (Discoglossidae) دىكى تۇغۇت ئانا پاقىسى (ئاليىتېس پاقىسى) ۋە شەرق مودۇر پاقىسى (بومبىنا پاقىسى) نىڭ ئالدىنقى غەربىي جەنۇبى ياۋروپاغا تارقالغان، كېيىنكىسى مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال رايونلىرىدا ياشايدۇ؛ چار پاقىلار ئائىلىسىدىكى (Bufonidae) چوڭ چارپاقا، يامغۇر پاقا ئائىلىسىدىكى (Hylidae) سىدام يامغۇر پاقا (خىلا پاقىسى)، پاقىلار ئائىلىسىدىكى (Ranidae) قارا داغلىق پاقا، سېرىق سىزىقلىق پاقا ۋە جۇڭگو ئورمان پاقىسى (خاش پاقا) لارنىڭ ھەممىسى مەملىكىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرى ھېسابلىنىدۇ؛ مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىن چىقىدىغان چوڭ دەرەى پاقىسى دەرەخ پاقىلىرى ئائىلىسىگە (Rhacophridae) كىرىدۇ؛ شىمالدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان تار ئېغىز پاقىنى بولسا، تار ئېغىز پاقىلار ئائىلىسىنىڭ (Microhylidae) ۋەكىل تۈرى قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
wú wěi mù
قۇيرۇقسىزلار ئەترىتى