Chinese→Uyghur主要词典
乌托邦
دۇنيا تارىخى
ئوتوپىيە
لاتىنچە Utopia نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلى مەنبەسى گرېكچە OU (يوق) ۋە topos (يەر) بولۇپ، مەنىسى <يوق يەر> دېگەنلىك. 1516 - يىلى ئەنگلىيىلىك توماس مورې يازغان <ئەڭ مۇكەممەل دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئوتوپىيە يېڭى ئارىلىنىڭ ھەم پايدىلىق، ھەم قىزىقارلىق گۆھەر كىتابى توغرىسىدا> دېگەن كىتابىنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى. بۇ كىتاب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە، غەربىي ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تۈزۈمى ۋە سىياسىي تۈزۈمى تەنقىد قىلىنغان. ئىككىنچى قىسىمدا ئاپتور ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان ئوتوپىيە ئىجتىمائىي تۈزۈمى تەسۋىرلەنگەن. يەنى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئورنىتىلغان، ئەمەلدارلار گراژدانلر سايلىمى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدىغان، دۆلەت شەھەر ئارقىلىق پىلان تۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەيدىغان، ئائىلىلەر ئىقتىسادىي بىرلىك قىلىنىپ، ھەممە ئادەم ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كۈنىگە 6 سائەتلىك ئىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىنىدىغان، ئەر - ئايال دەپ ئايرىماي ئورتاق تەربىيە ئالىدىغان قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. لېكىن بۇ جەمئىيەتنىڭ تېخنىكا ئاساسىي يەنىلا قول ئارقىلىق باشقۇرۇلغان ھەمدە قۇل (ئەسىرلەر، جىنايەتچىلەر) ۋە دىن (پوپ سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىش) داۋاملىق ساقلاپ قېلىنغان. باشقىلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىش، مۇستەملىكە قۇرۇشقا يول قويۇلغان. بۇ كىتاب دىئالوگ شەكىلدە يېزىلغان، يەنە رافائىل ھىسرادنىڭ غەلىتە زېمىن، يات ئەلدە تۇرغان بەش يىل ئىچىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. كىتاب ئەسلى لاتىنچە يېزىلغان بولۇپ، كېيىن ياۋروپادىكى كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياۋروپادىكى خىيالىي سوتسىيالىزمنىڭ تۇنجى نادىر ئەسىرى بولۇپ قالغان. ئوتوپىيە ھازىر <خىيالى> دېگەن سۆزگە مەنىداش بولۇپ قالدى.
ئۇنىۋېرسال
wū tuō bāng
ئۇتوپىيە