Chinese→Uyghur主要词典
无丝分裂
بىئولوگىيە
يىپسىز بۆلۈنۈش
ھۈجەيرە يادروسىنىڭ بۆلۈنۈش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. بۆلۈنۈش جەريانىدا يادرو پەردىسى يوقالمايدۇ، يادرودا يىپلىق بۆلۈنۈشتە كۆرۈلىدىغان خروموسوما ۋە يىپلىق بۆلۈنۈش ئاپپاراتلىرى پەيدا بولمايدۇ. ئالدى بىلەن يادرو ئۇزىراپ تەدرىجىي ھالدا قاداق تاشسىمان ھالەتكە كېلىدۇ، ئاندىن كېيىن يادرونىڭ ئوتتۇرىسى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنچىكىلەپ ئاخىرىدا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ، سىتوپلازمىسىمۇ بوغۇلۇپ بۆلۈنۈش بىلەن ئىككى دانە بالا ھۈجەيرە ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا <بىۋاستە بۆلۈنۈش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاددىي ھايۋانلاردىن ئىنفۇزورىيىلەر (كىرپىك تۈكلۈك قۇرتلار) نىڭ چوڭ يادروسى ھەمدە ھايۋانلارنىڭ ئارىلىق توقۇلمىلىرى، مۇسكۇل توقۇلمىسى، پەي ھۈجەيرىلىرى، كۆمۈرچەك ھۈجەيرىلىرى قاتارلىقلار ۋە ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمە سۈتى (ئېندوسپېرما) ھۈجەيرىلىرىدە كۆرۈلىدۇ.
تېببىي,دېھقانچىلىق
wú sī fēn liè
يىپسىز بۆلۈنۈشDئۇنىۋېرسال
wú sī fēn liè
ئامىتوز، يىپسىز بۆلۈنۈش