Chinese→Uyghur主要词典
乌普萨拉会议
دۇنيا تارىخى
ئۇپسالا يىغىنى
1593 - يىل 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە شۋېتسىيىنىڭ ئۇپسالا دېگەن يېرىدە ئېچىلغان دىنىي يىغىن. نىكولائۇس بوتنېسىس يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىن جون Ⅲ نىڭ ئىبادەت مۇراسىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مارتىن لۇتىر مەزھىپىنى شۋېتسىيىنىڭ رەسمىي دۆلەت دىنى دەپ بېكىتىپ، باشقا دىنىي مۇراسىملارنى مەنئىي قىلغان. يىغىن قارارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى زاتلارنىڭ ئىمزا قويۇپ قوللىشىغا ئېرىشكەن. يىغىندىن كېيىن پوپلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھەمدە شۋېتسىيىنىڭ دىنىي ئىسلاھاتى مۇستەھكەملەنگەن.