Chinese→Uyghur主要词典
乌鲁卡基那
دۇنيا تارىخى
ئۇرۇكاگىنا
ئۇرۇئىنمگىنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅩⅣ ئەسىردە مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى سومېرلارنىڭ شەھەر دۆلىتى راگاشنىڭ پادىشاھى. تەخمىنەن مىلادىدىن 2378 يىل ئىلگىرى خەلق ئاممىسى ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى كاھىنلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا لوگالاندانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. ئىككىنچى يىلى نامىنى <لوگار> غا ئۆزگەرتكەن. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2378 - 2371) ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. <ئويما يېزىق> تا خاتىرىلىنىشىچە ئاساسلىقى: مەملىكەتنىڭ ھەممە جايىدىكى نازارەتچى ۋە باجگىرلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. باج - سېلىقنى يەڭگىللەتكەن. قەرزدرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان. ئىبادەتخانا مال - مۈلكىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. كاھىنلارنىڭ باج مەجبۇرىيىتىنى كەچۈرۈم قىلغان. ھوقۇقسىزلار قاتلىمى سۇبلۇگاللارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلىغان؛ قانۇن ئېلان قىلىپ، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق ۋە يىتىم - يېسىرلارنى بوزەك قىلىش قاتارلىقلارنى مەنئى قىلغان. قەدىمىي <ئادالەت> نى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. يەنى ئىككى سۇغىرىش قانىلى ياساتقان. ئۇنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىگە زەربە بېرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا پايدىلىق بولغانلىقتىن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا پۈتۈن مەملىكەت پۇقرالىرىنىڭ سانى تېزدىن كۆپەيگەن. لېكىن ئۆز دۆلىتى ۋە قوشنا شەھەر دۆلەتلىرىدىكى قۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نارازىلىقى ۋە ئۆچمەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مىلادىدىن 2371 يىل ئىلگىرى ئومما ۋە ئۇرۇك بىرلەشمە ئارمىيىسى راگاشنى بېسىۋالغان. نەتىجىدە ئىسلاھاتمۇ توختاپ قالغان.